سارغايماس ياپراقلار
ئىززەت ئىلياس

سارغايماس ياپراقلار

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996

ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 5
سارغايماس ياپراقلار - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
يار سوۋغىتى ياپراقلار،
گۆھەرلەردىن كۆپ ئېسل،
خاتىرەمنىڭ قېتىدا،
تۇرىدۇ ئۇ ياپيېشىل.

يار سوۋغىتى ياپراقلار،
گۆھەرلەردىن كۆپ ئېسل،
خاتىرەمنىڭ قېتىدا،
تۇرىدۇ ئۇ ياپيېشىل.

ھەر باققاندا يار چېھرى،
كۆز ئالدىمدا نامايان.
يارنىڭ مېھرى قەلبىمدە،
دېڭىزدەك كەڭ بىپايان.

ھەر باققاندا يار چېھرى،
كۆز ئالدىمدا نامايان.
يارنىڭ مېھرى قەلبىمدە،
دېڭىزدەك، دېڭىزدەك كەڭ بىپايان.

كۈز ياپرىقى ئەمەس ئۇ،
يەرگە ھەرگىز تۆكۈلمەس،
ئايرىلسىمۇ شېخىدىن،
پىغان چەكمەس، ئۆكۈنمەس.

ئاشۇ يېشىل ياپراقلار،
ئوخشار بىزنىڭ سۆيگۈگە.
سارغايسىمۇ بارچە گۈل،
سارغايماس ئۇ مەڭگۈگە.

ئاشۇ يېشىل ياپراقلار،
ئوخشار بىزنىڭ سۆيگۈگە.
سارغايسىمۇ بارچە گۈل،
سارغايماس،سارغايماس ئۇ مەڭگۈگە.
سارغايماس،سارغايماس ئۇ مەڭگۈگە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...