يارىمنىڭ مېڭىشلىرى
ئىززەت ئىلياس

يارىمنىڭ مېڭىشلىرى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996

ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 5
يارىمنىڭ مېڭىشلىرى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
يارىمنىڭ مېڭىشلىرى جان،
ماڭسا قول سېلىشلىرى جان.
يارىمنىڭ مېڭىشلىرى جان،
ماڭسا قول سېلىشلىرى جان.
ھېچ كىشىگە ئوخشىماس،
قايرىلىپ قاراشلىرى جان.
ھېچ كىشىگە ئوخشىماس،
قايرىلىپ كۈلۈشلىرى جان.
ھېچ كىشىگە ئوخشىماس،
بىر ئوماق كۈلۈشلىرى جان.

ئالما ئاتتىم دەرياغا جان،
لەيلىۋىلىپ چۆكمەيدۇ.
سەن يارىمنىڭ ئوتلىرى،
يالقۇنلايدۇ ئۆچمەيدۇ.

سېنىڭ دوپپاڭنى مەن كەيسەم،
ساڭا ئوخشامدىمەن يارىم.
ئۆزگىنىڭ سۆزى بىلەن،
سېنى تاشلامدىمەن يارىم.

ئالما ساتقىلى چىقسام،
قىزىلىنى تاللايدۇ.
ئالەمدە كىشى يوقتەك،
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ.

ئالما ساتقىلى چىقسام جان،
قىزىلىنى تاللايدۇ جان.
ئالەمدە كىشى يوقتەك،
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ.
ئالەمدە كىشى يوقتەك،
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ.
ئالەمدە كىشى يوقتەك،
كۆڭلۈم سېنى خالايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...