گۈلمىدى غۇنچەمىدى
سەنۇبەر تۇرسۇن

گۈلمىدى غۇنچەمىدى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 2
گۈلمىدى غۇنچەمىدى - ھەققىدە:
سۆزى: خەلقنىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 

گۈلمىدى غۇنچەمىدى،
يارىم سېنىڭ باشىڭدىكى.
كېچىلەپ تونالمىدىم.
كىملەر ئىدى قاشىڭدىكى.

ئامرىقىم، چىرايلىقىم،
كەتسەڭ يىراققا نە قىلاي.
ساڭا ئۆگەنگەن كۆڭۈلنى،
ئەمدى كىمگە خار قىلاي.

گۈلنى گۈل دەمدۇ كىشى،
گۈلنىڭ پۇراقى بولمىسا.
يارنى يار دەمدۇ كىشى،
يارنىڭ ۋاپاسى بولمىسا.

ناز ئېتەر كىملەرگە گۈل،
شاخىدا بۇلبۇل بولمىسا.
كىم بىلۇر قەدرىڭنى يار،
دەرتمەن كۆڭۈللەر بولمىسا؟
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...