سېتىۋېلىش ئورنى
سەنۇبەر تۇرسۇن
كۈتەلەمسەن
پلاستىنكا: سەنۇبەر تۇرسۇن ئىجادىيەتلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020
سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
2
كۈتەلەمسەن - ھەققىدە:
سۆزى: جاپپار ئەمەت مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن
ساڭا ئېيتار سۆزلىرىم كۆپتۇر، ئېيتالمايمەن لېكىن ھەممىنى. سورىۋالاي ئايرىلىش پەيتتە، كۈتەلەمسەن مەڭگۈگە مېنى. كۈتەلەمسەن ھىجران دەشتىدە، يىللار ئەگەر بولسا بەك ئۇزاق. قۇندۇز چېچىڭ بوغدا تېغىنىڭ، قارلىرىدەك بولۇپ كەتسە ئاق. كۈتەلەمسەن نىھال قامىتىڭ، قېرىلىقتىن كەتسە مۈكچىيىپ. پېشانەڭگە قورۇقلار كىرىپ، ئالما رەڭگىڭ كەتسە ئۆزگىرىپ. كۈتەلەمسەن تەنە تاپىدىن، دىلىڭ يارا بولسا ھەر كۈنى. مۇھەببەتنىڭ يالقۇنى تۈگەپ، قالسا ئەگەر بىر تال ئۇچقۇنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...