سېتىۋېلىش ئورنى
سەنۇبەر تۇرسۇن
ئانا ئەجرى
پلاستىنكا: سەنۇبەر تۇرسۇن يەككە ناخشىلىرى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020
سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
2
ئانا ئەجرى - ھەققىدە:
سۆزى: سەنۇبەر تۇرسۇن مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن ئاككوردلاشتۇرغۇچى: سەنۇبەر تۇرسۇن
تىترەيدۇ كۈنۇ-تۈن قەلبىم تارىسى، جان ئانا، قىزىڭمەن باغرىڭ پارىسى. سېنىمۇ ياشارتسام، بارمۇ چارىسى، بۇيرىغىن، ئۆزۈمدىن مەلھەم ياسايمەن. ياش ئىدىڭ قۇرغۇيدەك سەنمۇ بىر چاغدا، قېرىدىڭ پەرزەنتنىڭ پىراقى داغدا. يۈردۈڭ گاھ قاينامدا، گاھىدا تاغدا، گۈل بولغىن، جان ئانا، سېنى قىسايمەن. مۇھەببەت، ۋاپادا ھەممىدىن بايسەن، بەللىرىڭ مۈكچەيدى، سەن يەنە ئايسەن. مېنى بار قىلغان سەن، مېنىڭ ئانامسەن، يۇلتۇزدىن بوينۇڭغا مارجان ئاسايمەن. كەپتەردەك ياندۇردۇڭ، تاڭلايلىرىڭدىن، تەر ئەمەس، سۈت ئاقتى ماڭلايلىرىڭدىن. مېنى دەپ كەتتىڭغۇ دەرمانلىرىڭدىن، كەل ئانا، باغرىمغا بىردەم باسايمەن.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...