قالدى (يۇرتۇم قالدى)
سەنۇبەر تۇرسۇن

قالدى (يۇرتۇم قالدى)

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
قالدى (يۇرتۇم قالدى) - ھەققىدە:
سۆزى: ناسۇھا ئىمىن (باشقا مەنبەدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر دېيىلىپتۇ)
مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن 

مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلەر، قىزىل گۈلدەك باغلار قالدى،
ئېگىز-ئېگىز خۇش چىرايلىق، ياقۇت تاشلىق تاغلار قالدى.
بۇغا، مارال پادا-پادا ئوتلاپ يۈرگەن سايلار قالدى،
تاغ باغرىدا سەكرەپ ئويناپ، بوتلاق، ئوغلاق، تايلار قالدى.

سۇ بويىدا شىلدىرلىشىپ، تازىم قىلىپ باش ئېگىشىپ،
مەن ماڭغاندا ئۇزۇتۇشۇپ، لەيلى-مەجنۇنتاللار قالدى.
چۇرۇق-چۇرۇق ئويناۋاتقان، شىلدىر-شىلدىر بويلاۋاتقان،
ئاق كۈمۈشتەك چاقناۋاتقان، بالدىن تاتلىق سۇلار قالدى.

جىم-جىم كوچا، ئايدىڭ كېچە، بۇلاق بويلاپ باغچە-باغچە،
يۇلتۇز ساناپ تاڭ ئاتقىچە، ئويناپ-كۈلگەن جايلار قالدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...