كۆڭلۈم
سەنۇبەر تۇرسۇن

كۆڭلۈم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
كۆڭلۈم - ھەققىدە:
سۆزى: ئىلھامجان مۇھەممەد
مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن 

كۆڭلۈمنى ئاسماندا دەپ ئايغا بەرمەسمەن،
‏‎بېرىلىپ دۇنياغا بايغا بەرمەسمەن.
كۆڭلۈمنى ئاسماندا دەپ ئايغا بەرمەسمەن،
‏‎بېرىلىپ دۇنياغا بايغا بەرمەسمەن.
‏‎ساداقەت تەختىدە ياشىرار كۆڭلۈم،
مىننەتلىك سۇنۇلغان چايغا بەرمەسمەن.
‏‎ساداقەت تەختىدە ياشىرار كۆڭلۈم،
مىننەتلىك سۇنۇلغان چايغا بەرمەسمەن.

بۇ كۆڭلۈم مىسالى بىر گۈل ئۇرىقى،
‏‎بىخىلنىڭ بىغىغا ئەسلا تەرمەسمەن‏.
‏‎بۇ كۆڭلۈم مىسالى بىر گۈل ئۇرىقى،
‏‎بىخىلنىڭ بىغىغا ئەسلا تەرمەسمەن‏.
قارلىغاچ ئەمەسمەن ۋە ياكى باھار،
‏‎رەنجىتمە بىر كەتسەم قايتا كەلمەسمەن.
قارلىغاچ ئەمەسمەن ۋە ياكى باھار،
‏‎رەنجىتمە بىر كەتسەم قايتا كەلمەسمەن.

كۆڭلۈمنى ئاسماندا دەپ ئايغا بەرمەسمەن،
‏‎بېرىلىپ دۇنياغا بايغا بەرمەسمەن.
‏‎ساداقەت تەختىدە ياشىرار كۆڭلۈم،
مىننەتلىك سۇنۇلغان چايغا بەرمەسمەن.
سورىماق بولساڭ گەر كۆڭلۈمنى،
‏‎قەلبىڭدە بولسۇن مېھىرى-ۋاپا يالقۇنى.
سورىماق بولساڭ گەر كۆڭلۈمنى،
‏‎قەلبىڭدە بولسۇن مېھىرى-ۋاپا يالقۇنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...