ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى

ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى — پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بىباھا گۆھەر، ئەمگەكچان – ئىجادچان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى مۇزىكا تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان بەدىئىي قامۇستۇر. ئۇنىڭدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە گۈزەل مەنىۋىيىتى، ئىستەك خاھىشلىرى، تارىخىي رېئاللىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىدىن كېلىپ چىققان مۇھەببەت – نەپرەتلىرى ئىنسان تەپەككۇرىنىڭ مۇزىكا، بەدىئىي، ئەدەبىيات ۋە ئۇسسۇل قاتارلىق خىلمۇ – خىل شەكىللىرى بىلەن ئىپادىلەنگەن. مۇنداق مۇزىكا ئەسىرى دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ سەنئەت تارىخىدا كەم ئۇچرايدىغان ئالاھىدە ئەسەر بولغاچقا «شەرق مۇزىكا مەدەنىيىتىدىكى مۆجىزە» دەپ تەرىپلەنمەكتە.
ئۇيغۇر مۇقاملىرىنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئارقا كۆرۈنۈشىمۇ كەڭ ۋە چوڭقۇر. مۇقاملار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىدىن كەچۈرگەن تارىخىي دەۋرلىرى بىلەن ھەمقەدەمدۇر. مۇقاملار كۆپلىگەن ماكان ۋە بىرقانچە زاماندا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۇرغۇنلىغان بەستىكارلىرى، ناخشىچىلىرى ۋە چالغۇچىلىرى تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان خەلق مۇزىكىسىدۇر.
بۇ قېتىم ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلىپ قايتا رەتلەنگەن، تولۇقلانغان، مۇكەممەللەشتۈرۈلگەن ئون ئىككى مۇقام 360 ئاھاڭ، 4492 مىسرادىن تەركىب تاپقان ھەمدە ئۇ يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك شائىرلىرىنىڭ شېئىرلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داستانلىرىنىڭ پارچىلىرى ۋە خەلق قوشاق – بېيىتلىرىنى ئۈز ئىچىگە ئالىدۇ.
بازارغا سېلىنغان ۋاقتى: 2002
كۆرۈلۈشى: 616 كۆرۈلۈشى

ناخشا تىزىملىكى

ناخشا ئىسمى ئاڭلاش ئادرېسى رەسىمى ئېلان قىلىنغان ۋاقىت كۆرۈلۈشى
راك مۇقامى راك مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 921
چەببايات مۇقامى چەببايات مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 511
سەگاھ مۇقامى سەگاھ مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 637
چەھارگاھ مۇقامى چەھارگاھ مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 480
پەنجگاھ مۇقامى پەنجگاھ مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 668
ئۆزھال مۇقامى ئۆزھال مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 541
ئەجەم مۇقامى ئەجەم مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 635
ئۇششاق مۇقامى ئۇششاق مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 657
بايات مۇقامى بايات مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 580
نەۋا مۇقامى نەۋا مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 459
مۇشاۋەرەك مۇقامى مۇشاۋەرەك مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 434
ئىراق مۇقامى ئىراق مۇقامى يىل 2002 كۆرۈلۈشى 731