
سېتىۋېلىش ئورنى
مەخمۇت سۇلايمان
يۇلتۇزۇم
پلاستىنكا: يۇلتۇزۇم
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1993
مەخمۇت سۇلايمان ھەققىدە:
مەخمۇت سۇلايمان (ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى: Mexmut Sulayman) بولسا 1968-يىلى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. قەشقەردەك سەنئەتنىڭ ماكانى بولغان بۇ ئەزىزانە يۇرتتا ئۆز خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە سەنئىتىگە تويۇنۇپ چوڭ بولغان مەخمۇت سۇلايمان 13 يېشىدا دىيارىمىزدىكى سەنئەتنىڭ ئوچىقى بولغان شىنجاڭ سەنئەت ئېنىستىتۇتىنىڭ ئۇسسۇل كەسپىگە قوبۇل قىلىنىپ بالىت ئۆگەندى. كەم سۆز، ئېغىر-بېسىق مەھمۇتنىڭ قەلبى بالىتتىن بەكرەك ناخشا-مۇزىكىغا تەلپۈنۈپ تۇراتتى. شۇ تەلپۈنۈش بىلەن ئۇ پىئانىنونى ئىشتىياق بىلەن ئۆگىنىشكە باشلىدى، ئۇستازلىرىنىڭ تە ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
345

يۇلتۇزۇم - ھەققىدە:
سۆزى: رۇستەم غايىپ مۇزىكىسى: رۇستەم غايىپ
كونا دەردلەر قوزغالدى يەنە، ساڭا بۈگۈن چۈشكەندە كۆزۈم. كونا دەردلەر قوزغالدى يەنە، ساڭا بۈگۈن چۈشكەندە كۆزۈم. ئەمدى كىمگە يۇلتۇز سەن جانىم، بىر چاغ ئىدىڭ مېنىڭ يۇلتۇزۇم. ئەمدى كىمگە يۇلتۇز سەن جانىم، بىر چاغ ئىدىڭ مېنىڭ يۇلتۇزۇم. قاشلىرىڭنى ئاي دەيمۇ جېنىم، كۆزلىرىڭنى تاڭدىكى چولپان. قاشلىرىڭنى ئاي دەيمۇ جېنىم، كۆزلىرىڭنى تاڭدىكى چولپان. كىرپىكىڭنى ئوقيا دەيمىكىن، مېنىڭ يۈرەك باغرىمغا ئاتقان. كىرپىكىڭنى ئوقيا دەيمىكىن، مېنىڭ يۈرەك باغرىمغا ئاتقان. پەقەت قالدى شىرىن خاتىرە، سەن يايرىمنى سۆيگەن چېغىمدا. پەقەت قالدى شىرىن خاتىرە، سەن يايرىمنى سۆيگەن چېغىمدا. بىر غۇنچىنى ئۈزدۈم پۇرىدىم، بەخت كۈلگەن ياشلىق چېغىمدا، بىر غۇنچىنى ئۈزدۈم پۇرىدىم، بەخت كۈلگەن ياشلىق چېغىمدا. قاشلىرىڭنى ئاي دەيمۇ جېنىم، كۆزلىرىڭنى تاڭدىكى چولپان. كىرپىكىڭنى ئوقيا دەيمىكىن، مېنىڭ يۈرەك باغرىمغا ئاتقان. مىنىڭ يۈرەك باغرىمغا ئاتقان. مىنىڭ يۈرەك باغرىمغا ئاتقان.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...