سۆيۈملۈك مۇئەللىم
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

سۆيۈملۈك مۇئەللىم

پلاستىنكا: شاھزادە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 713
سۆيۈملۈك مۇئەللىم - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
دەرس تىل-ئەدەبىيات
ئوقۇ تېكىسىت قوشۇپ ھېسىيات
ئۇچراتقان يېڭى سۆزلەرگە ھازىر بېرىمەن ئىزاھات
ئۆگەن تىل قائىدىسى
راۋان ئوقۇغىن كىتاپنى
ئىملايىڭ گۈزەل بولسۇن مارجاندەك ياز خەتنى

يەنە دەرس تەنتەربىيە
قىزىت بەدەننى يۈگرە
چېنىقتۇر ئۆزۈڭنى دائىم ساپ ئەقىل بار ساغلام تەندە
ئوقۇيمىز تەبىئەت ئاتلېسى
ئايان بولار ئالەم سىرى
نېمە ھاۋا، تۇپراق، ھايۋان ۋە باغلىنىشى

ماتېماتىكا ئۆگىنىمىز
ھېسابلاپ تەڭلىمىنى يېشىپ چىقىمىز
ئەستە بولسۇن كەرە قائىدىسى ۋە فورمىلالار
مېتىر، كىۋادىرات ۋە كۇپ قاتارلىق ئاتالغۇلار

سۆيۈملۈك مۇئەللىم
بىز سىزگە بەك ئامراق
دەرسلىرىڭىز گويا
تاماشا ۋە چاخچاق
بېرىپ بىزگە خۇشاللىق
يەنە كۈندە يېڭىلىق
ئوقۇيمىز ئەركىن-ئازادە
ھەممەيلەن زىرەك ئەقىللىق

سۆيۈملۈك مۇئەللىم
بىز سىزگە بەك ئامراق
دەرسلىرىڭىز گويا
تاماشا ۋە چاقچاق
بېرىپ بىزگە خۇشاللىق
يەنە كۈندە يېڭىلىق
ئوقۇيمىز ئەركىن-ئازادە
ھەممەيلەن زېرەك ئەقىللىق

بۈگۈن مۇزىكا دەرسى

دو،رەي،مى،فا،سو،لا،شى do re mi fa so la xi
ئۇلۇغ خانىش ئاماننىسا قالدۇرغان رەتلەپ مۇقامنى
يەنە ئۇسسۇل دەرسى مانا
سوزۇيلى بەدەننى تازا
بولسۇن قايناق ھېسيات مايكول جەكسىندەك گويا

ھازىر دەرىس جەمىيئەت
سېنچىلاپ ئەتراپنى كۆزەت
ۋەتەندە تاغ-دەريا چەكسىز روناق تاپماقتا سانائەت
بولغىن ئەدەپلىك پەرزەنىت
ئەخلاقتۇر ئادەمگە زىننەت
كىشى بىلىم بىلەن تاپار ئالامچە ھۆرمەت

كۆپ خىل تىلنى بىلمەك كىرەك
ئۇ بىزگە قورالدۇر ۋە گويا بىر ئەينەك
شۇڭا كۆڭۈل قويۇپ ئۆگىنىڭلار كۆپ خىل تىللارنى
دىققەت قىلىپ تەلەپپۇزغا ئەستە ساقلاپ سۆزلەرنى

سۆيۈملۈك مۇئەللىم
بىز سىزگە بەك ئامراق
دەرسلىرىڭىز گويا
تاماشا ۋە چاقچاق
بېرىپ بىزگە خۇشاللىق
يەنە كۈندە يېڭىلىق
ئوقۇيمىز ئەركىن-ئازادە
ھەممەيلەن زىرەك ئەقىللىق

سۆيۈملۈك مۇئەللىم
بىز سىزگە بەك ئامراق
دەرسلىرىڭىز گويا
تاماشا ۋە چاقچاق
بېرىپ بىزگە خۇشاللىق
يەنە كۈندە يېڭىلىق
ئوقۇيمىز ئەركىن-ئازادە
ھەممەيلەن زېرەك ئەقىللىق

قارا، يولۇڭ شۇنچە چەكسىز
توختىماي تىرىش، ئەتەڭ گۈزەل شۈبھىسىز
ھەممىڭلار بولۇڭلار بىلىم كانىنى قازغۇچى
ئالىم، جەڭچى، خوجايىن، چولپان ياكى يازغۇچى

سۆيۈملۈك مۇئەللىم
بىز سىزگە بەك ئامراق
دەرسلىرىڭىز گويا
تاماشا ۋە چاقچاق
بېرىپ بىزگە خۇشاللىق
يەنە كۈندە يېڭىلىق
ئوقۇيمىز ئەركىن-ئازادە
ھەممەيلەن زىرەك ئەقىللىق
سۆيۈملۈك مۇئەللىم
بىز سىزگە بەك ئامراق
دەرسلىرىڭىز گويا
تاماشا ۋە چاقچاق
بېرىپ بىزگە خۇشاللىق
يەنە كۈندە يېڭىلىق
ئوقۇيمىز ئەركىن-ئازادە
ھەممەيلەن زىرەك ئەقىللىق
مۇئەللىم
بىز سىزگە بەك ئامراق
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...