مەيلىمۇ
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ

مەيلىمۇ

پلاستىنكا: شاھزادە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2016

ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ ھەققىدە:
ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 1984-يىلى خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن تارتىپ ناخشا-مۇزىكا ۋە ئۇسسۇلنى ياخشى كۆرەتتى. ئۇ ئۇسسۇل ۋە ناخشا-مۇزىكا ئىشلەش بىلىملىرىنى ئۆگىنىپ، مۇستەقىل ئىجادىيەتكە كىرىشكەن، كېيىن كەسپىي مۇزىكا يولىغا قەدەم قويغان. يېڭى يىپەك يولىدىكى داڭلىق چولپان ۋە يېڭى بىر ئەۋلاد مودا ناخشىچىسى ئابلاجان ناخشا تېكىستى يېزىش، ئاككوردلاشتۇرۇش، ئورۇنلاش، ناخشا ئېيتىش ۋە ئۇسسۇلنى بىرلەشتۈرگەن ئەتراپلىق يېتىشكەن، كۆپكە ماھىر ياش ناخشىچى، ئۇ خەنزۇچە، ئىنگلىزچە ۋە ئۇيغۇرچە قاتارلىق كۆپ خىل ت ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 339
مەيلىمۇ - ھەققىدە:
سۆزى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ
مۇزىكىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ 
1-كۇبلىت :
ئاڭلا! گۈزەلىم سۆيگۈ يولىدا،
جەۋىر-مۇشەققەت تارتسام مەيلىمۇ؟
ياكى جۇدا بولۇپ ئەقىل-ھۇشۇمدىن،
دەرۋىش دىۋانە بولسام مەيلىمۇ؟

1-قايتارما :
مەن ساڭا كۆيۈپ خۇشال يۈرمىدىم،
ئايدەك يۈزۈڭنى يىللاپ كۆرمىدىم.
نېمىدۇر ۋىسال تەمى بىلمىدىم،
كۈنلىرىم سەنسىز كەچسە مەيلىمۇ؟

2-كۇبلىت :
ئارزۇيۇم سېنى كۆرۈپلا يۈرسەم،
ساداقەت بىلەن كۆيۈپلا يۈرسەم.
چىن ئىشقىڭ سۆيگۈڭگە تويۇپلا يۈرسەم،
ئۈمىدلەر بەربات بولسا مەيلىمۇ؟

2-قايتارما :
قالمىدى تاقەت سەنسىز ياشاشقا،
تاپالماي سېنى خەۋەر ساقلاشقا.
نائىل بولالماي ئىسمىڭ ئاتاشقا،
روھىم كۆزى ئوچۇق كەتسە مەيلىمۇ؟
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...