
سېتىۋېلىش ئورنى
ئىززەت ئىلياس
ئانا يۇرتتىن دۇنياغا سالام
پلاستىنكا: ئىززەت ئىلياس ناخشىلىرىدىن تاللانما
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 1996
ئىززەت ئىلياس ھەققىدە:
ئىززەت ئىلياس خانىم 1970-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنىستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان، ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە رول ئېلىش ۋە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرىنى پۇختا ئىگەللەش بىلەن بىرگە، ناخشا-مۇزىكىغا ئىشتىياق باغلاپ، ناخشا ئېيتىش جەھەتتىمۇ چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە بولغان، 1986-يىلى 7-ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىنغان ھەمدە «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش»، «ساختىپەز» قاتارلىق كۆپلىگەن دراممىلاردا رول ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوبراز يارىتىش جەھ ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
649

ئانا يۇرتتىن دۇنياغا سالام - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەت روزى يارقىننىڭ مۇزىكىسى: ئەسقەر قۇربان (مۇڭ كۈي سىتودىيەسى) ئاككوردلاشتۇرغۇچى: ئەسقەر قۇربان (مۇڭ كۈي سىتودىيەسى)
ئىلى، تارىم، قاش، زەرەپشانلاردىن، ئەسسالام دەيدۇ يۇرتۇم دۇنياغا. خەلقىمىز قۇچقان شەرەپشانلاردىن، ئەسسالام دەيدۇ يۇرتۇم دۇنياغا. مەھمۇد ھەم يۈسۈپ كىتاپلىرىدىن، ئاماننىساخان خىتابلىرىدىن. سىرلىق مىڭ ئۆيلەر قاۋابلىرىدىن، ئەسسالام دەيدۇ يۇرتۇم دۇنياغا. بوغدانىڭ سۈزۈك زۇمرەت سۈيىدىن، قاناسنىڭ مۇڭلۇق شاۋقۇن كۈيىدىن. كۈنەس، تېكەسنىڭ كىگىز ئۆيىدىن، ئەسسالام دەيدۇ يۇرتۇم دۇنياغا. ئەجدادلاردىن تا ئەۋلادلارغىچە، شېرىنلاردىن ھەم پەرھادلارغىچە. گۈلىدىن، ئارچىدىن، شەمشادلارغىچە، ئەسسالام دەيدۇ يۇرتۇم دۇنياغا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...