سېتىۋېلىش ئورنى
سەنۇبەر تۇرسۇن
ئادەملەر ئۇلۇغ
پلاستىنكا: ئارزۇ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013
سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
9
ئادەملەر ئۇلۇغ - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەتجان راشىدىن مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن
كۈنلەرنىڭمۇ ھەرخىلى باردۇر، گۈللەرنىڭمۇ ھەرخىلى باردۇر. ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم، ئۇلارنىڭمۇ سەرخىلى باردۇر. ئادەملەردىن رەنجىمە كۆڭلۈم، ئۇلارنىڭمۇ سەرخىلى باردۇر. تىلەمچىگە نان بىرەر بىرى، كەپتەرلەرگە دان بىرەر بىرى. زۆرۈر بولسا قان بىرەر بىرى، ھەتتا جاننى بەرمىكى باردۇر. زۆرۈر بولسا قان بىرەر بىرى، ھەتتا جاننى بەرمىكى باردۇر. ياتمىقى بار ئاغرىپ ساقنىڭمۇ، سۇلمىقى بار سەيلىگاھنىڭمۇ، ياتمىقى بار ئاغرىپ ساقنىڭمۇ، سۇلمىقى بار سەيلىگاھنىڭمۇ. دۆلەت كەتسە ھەتتا شاھنىڭمۇ، دۆڭدىن قوراي تەرمىكى باردۇر. دۆلەت كەتسە ھەتتا شاھنىڭمۇ، دۆڭدىن قوراي تەرمىكى باردۇر. دۇنيا تىلسىم ئادەملەر ئۇلۇغ، تىرىكلىككە ئادەم ئۆزى تۇغ. دۇنيا تىلسىم ئادەملەر ئۇلۇغ، تىرىكلىككە ئادەم ئۆزى تۇغ. يانغانغا سۇ، زىمىستانغا چوغ، شۇڭا گۈزەل مەنزىلى باردۇر. يانغانغا سۇ زىمىستانغا چوغ. شۇڭا گۈزەل مەنزىلى باردۇر، شۇڭا گۈزەل مەنزىلى باردۇر …
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...