ئەجەم مۇقامى (نەقمەيدان)
سەنۇبەر تۇرسۇن

ئەجەم مۇقامى (نەقمەيدان)

پلاستىنكا: ئەجەم مۇقامى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2022

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 3
ئەجەم مۇقامى (نەقمەيدان) - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرانىڭ
مۇزىكىسى: خەلقنىڭ 
باھارىمنىڭ كۈنلىرى كەلدى
ياشاردى ئېڭىرىغان جانلار
ياشاردى ئېڭىرىغان جانلار
ئېچىلدى قىپ قىزىل لالە
ياساندى چۆل باياۋانلار
ئېچىلدى قىپ قىزىل لالە
ياساندى چۆل باياۋانلار

پايانسىز قوينى كەڭ باغىم
ئىتەگى گۈل چىمەن كەشتە
بايانسىز قوينى كەڭ باغىم
ئىتەگى گۈل چىمەن كەشتە
ئوغۇل ھەم قىزلىرى شاتتۇر
ھايات قاينايدۇ گۈلشەندە
ئوغۇل ھەم قىزلىرى شاتتۇر
ھايات قاينايدۇ گۈلشەندە

كەل دوستۇم تاماشا قىل
گۈزەل كۆركەم باھارىمنى
كەل دوستۇم تاماشا قىل
گۈزەل كۆركەم باھارىمنى
باھارنىڭ پەيزىدىن ئېلھام
ئېلىپ سايرات دۇتارىڭنى
مۇقامىڭغا قېتىپ كۈيلە
ھايات كۈلگەن زامانىمنى
مۇقامىڭغا قېتىپ كۈيلە
ھايات كۈلگەن زامانىمنى
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...