ياشلىقىم پاشالىقىم
سەنۇبەر تۇرسۇن

ياشلىقىم پاشالىقىم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: خەلق ناخشىسى
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
ياشلىقىم پاشالىقىم - ھەققىدە:
سۆزى: خەلق
مۇزىكىسى: غىياسىدىن بارات 

ياشلىقىم پاشالىقىم،
ھەر تەرەپتىن گۈل كىلۇر.
تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن،
سېنىڭ قېشىڭغا كىم كىلۇر.

سەن ئېتىڭنىڭ بارىدا،
ئويمانغا چاپ ھەم دۆڭگە چاپ.
تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن،
ئوقۇرغا كەلگەي كەلمىگەي.

سەن قۇشۇڭنىڭ بارىدا،
ئۆردەككە سال ھەم غازغا سال.
تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن،
ئىندەككە كەلگەن كەلمىگەي.

سەن پوتاڭنىڭ بارىدا،
ئىككى ئوراپ چىڭ باغلىغىن.
تاڭلا بەش كۈندىن كېيىن،
بېلىڭگە يەتكەي يەتمىگەي.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...