سەن كەلگىچە
سەنۇبەر تۇرسۇن

سەن كەلگىچە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
سەن كەلگىچە - ھەققىدە:
سۆزى: مۇھەممەتجان راشىدىن
مۇزىكىسى: روزى ياسىن 

يار ئۆزۈڭنى ياد ئېتىپ ئويغاق ياتاي سەن كەلگىچە،
تاڭ سەھەر تورغاي بولۇپ قوشاق قاتاي سەن كەلگىچە.
سەن راۋا كۆرسەڭ ئەگەر دەريادا كۈتمەكنى سېنى،
مەيلى دەريالار ئارا ئاقسام ئاقاي سەن كەلگىچە.

تەمتىرەپ يۈرمە نىگار تەنھا دىلىمنى يىغلىتىپ،
تۈندە كەلسەم، يولۇڭغا چىراغ ياقاي سەن كەلگىچە.
مېنى سەن قىلدىڭ قەلەندەر كەچمىشكە مۇپتىلا،
بۇ جاپا ئۆلتۈرسىمۇ تارتسام تارتاي سەن كەلگۈچە.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...