بەرىكەت سېنىڭ ئاياقىڭدا
سەنۇبەر تۇرسۇن

بەرىكەت سېنىڭ ئاياقىڭدا

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
بەرىكەت سېنىڭ ئاياقىڭدا - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن 

ئالەم سۆيگەن مۇقەددەس تاغ سەن، 
قۇدرەت سېنىڭ ئاياغىڭدا.
شېرىن نازۇ نېممەتلىك باغسەن،
ھىممەت سېنىڭ ئاياغىڭدا.

ھېكمەت نۇرى چاقنار يۈزۈڭدىن، 
گۈل ئاچىلۇر  باسقان ئىزىڭدىن.
 سۆيىنىسەن ئوغۇل قىزىڭدىن، 
 ھۆرمەت سېنىڭ ئاياغىڭدا.

 چىھرىڭ قۇياش مېھرىڭ بىر دەريا، 
 بەھرىڭ بىلەن ياشنايدۇ دۇنيا.
 ئاق سۈت بەرگەن ئەزىزىم ئانا، 
 شەربەت سېنىڭ ئاياغىڭدا.

 دەرگاھىڭدا خىزمەت قىلاي مەن، 
 سەندىن ھەر ۋاق رەھمەت ئالايمەن.
 بەرىكەت ئىزدەپ نەگە باراي مەن،  
بەرىكەت سېنىڭ ئاياغىڭدا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...