ھەيران بولما
سەنۇبەر تۇرسۇن

ھەيران بولما

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020

سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1
ھەيران بولما - ھەققىدە:
سۆزى: مۇختەر بۇغرا
مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن
ئاككوردلاشتۇرغۇچى: مەۋلان مەمتىمىن 

ھەيران بولما ھەممىگە ھەيران،
ئۈنۈپ قالار چۆلدىمۇ رەيھان.
قارلەيلىسى باغقا ئۈنمەيدۇ،
گۈلزارلىقتا گۈلمۇ پەرىشان.

ھەيران ھەيران بولۇپ ھەيران،
يۈرمە يۈرمە ھەممىگە.
ئۆمرۈڭ ئۆمرۈڭ خوش ئۆتەر،
يەتسەڭ ئۆزەڭنىڭ قەدرىگە.

قەدىرلىسەڭ ئۆزەڭنى ئۆزەڭ،
ھامان ئىسسىق تەغدىرنىڭ لىۋى.
بەزلەشكە كۆنمە ئەي ئاشىق كۆڭۈل،
دىلىڭنى يۇيسۇن بىلىمنىڭ نۇرى.

ھەيران ھەيران بولۇپ ھەيران،
يۈرمە يۈرمە ھەممىگە.
ئۆمرۈڭ ئۆمرۈڭ خوش ئۆتەر،
يەتسەڭ ئۆزەڭنىڭ قەدرىگە. 
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...