سېتىۋېلىش ئورنى
سەنۇبەر تۇرسۇن
قالدى (يۇرتۇم قالدى)
پلاستىنكا: سەنۇبەر تۇرسۇن يەككە ناخشىلىرى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020
سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
1
قالدى (يۇرتۇم قالدى) - ھەققىدە:
سۆزى: ناسۇھا ئىمىن (باشقا مەنبەدە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر دېيىلىپتۇ) مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن
مەن تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يەرلەر، قىزىل گۈلدەك باغلار قالدى، ئېگىز-ئېگىز خۇش چىرايلىق، ياقۇت تاشلىق تاغلار قالدى. بۇغا، مارال پادا-پادا ئوتلاپ يۈرگەن سايلار قالدى، تاغ باغرىدا سەكرەپ ئويناپ، بوتلاق، ئوغلاق، تايلار قالدى. سۇ بويىدا شىلدىرلىشىپ، تازىم قىلىپ باش ئېگىشىپ، مەن ماڭغاندا ئۇزۇتۇشۇپ، لەيلى-مەجنۇنتاللار قالدى. چۇرۇق-چۇرۇق ئويناۋاتقان، شىلدىر-شىلدىر بويلاۋاتقان، ئاق كۈمۈشتەك چاقناۋاتقان، بالدىن تاتلىق سۇلار قالدى. جىم-جىم كوچا، ئايدىڭ كېچە، بۇلاق بويلاپ باغچە-باغچە، يۇلتۇز ساناپ تاڭ ئاتقىچە، ئويناپ-كۈلگەن جايلار قالدى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...