سېتىۋېلىش ئورنى
سەنۇبەر تۇرسۇن
خوتەنگە مەدھىيە
پلاستىنكا: سەنۇبەر تۇرسۇن يەككە ناخشىلىرى
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020
سەنۇبەر تۇرسۇن ھەققىدە:
سەنۇبەر تۇرسۇن (1971-يىلى تۇغۇلغان) ناخشىچى، يازغۇچى، مەشھۇر دۇتارچى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرى تەتقىقاتچىسى. ئۇ 2000-يىلى تۇنجى پىلاستىنكىسىنى تارقاتقان. يەنە ئۇيغۇرچە «يىپەك يولى ساداسى» دا باھالىغۇچى بولغان. ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
1
خوتەنگە مەدھىيە - ھەققىدە:
سۆزى: ئەركىن ئوبۇلقاسىم مۇزىكىسى: سەنۇبەر تۇرسۇن
ساڭا ھۆرمەت بىلەن كەلدىم خوتەن، گۈلدەك دىيارىڭغا، مېھىر كانى ئىكەن باغرىڭ، يۈرەك كۆيدى پىراقىڭدا. قۇرۇم تاغ باغرىنى سۆيگەن «يۇرۇڭقاش» ھەم «قاراقاش» تىن، ياشاپتۇ ئەل بولۇپ نائىل ھېسابسىز ئىلتىپاتىڭغا. گىلەم ئەتلەسلىرىڭ سالدى ئېسىمگە لالىزار باغنى، كۆڭۈل مايىللىقىم تاشتى ھۈنەردە ئىستىداتىڭغا. تېنىمگە تارىتىپ لەززەت، تىلىمدا قالدى گۆشگىردە، سۈزۈڭ قاشتاشلىرىڭ زىننەت، ئەزىزلەرگە سۇنارىڭغا. قەدەم يەتكەن تامان قالدىم، ئېغىز تەگمەكنى ئارمانلاپ، پىيالما باغرىدىن چىققان قىزىل ياقۇت ئانارىڭغا. قاراقاشنىڭ بازارىنى نىمەت جەمگاھى دەپ بىلدىم، دىلىم تەلپۈندى بۇ يۇرتتا جاراڭلاتقان راۋابىڭغا.. يۈرەك تولدى ھاياجانغا ئۇلۇغساي، نۇردىن ئۆتكەندە، كۆمەچنىڭ خۇش ھىدى لەززەت، ھوزۇر بەرگەچ دىماقىمغا. كۆزۈمگە تۇتىيا بولدى گۈزەل تەكلىماكان باغرى، ئەسىر بولدى يۈرەك قايتا مۇھەببەت ئىشتىياڭغا.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...