ھوشۇر قارى

ھوشۇر قارى
                        «بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1980-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتپىگە قوبۇل قىلىنغان. مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا «سىگان قىزى»، «قانلىق يىللار»، «يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك»، «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش» قاتارلىق دىرامىلاردا باش رول ۋە ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ 1986-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغىچە مۇشۇ ئۆمەكتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۆمەككە كەلگەندىن كېيىن «غېرىپ-سەنەم»، «مۇقام ئەجداتلىرى»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتۇنلار»، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «غۇنچەم» قاتارلىق ئەللىككە يېقىن دىراما-ئوپېرا، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى»، «نىساخان»، «يىپەك يولى رىۋايىتى» قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا، يۈزگە يېقىن ئىتوتتا ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل تالانتىنىمۇ نامايەن قىلدى.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، داڭلىق ئاكتىيور، ناخشىچى ھوشۇرقارى سەلەي بىلەن شىنجاڭ رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى، ئاۋاز رېژىسسورى پاتىگۈل زۇنۇن شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا زور  تۆھپە قوشقان داڭلىق سەنئەتكارلار. ئۇلار ئائىلىدە ئىناق ئەر-خوتۇن، كەسىپتە ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللىغۇچى بولۇپ، ئوتتۇز ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزدى. پەرزەنتى پەزىلەت ھوشۇر قارى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى.
                    

ھوشۇر قارى پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

پلاستىنكا ئىسمى ناخشىچى رەسىمى كۆرۈلۈشى
قەمبەرخان ھوشۇر قارى قەمبەرخان 1987 كۆرۈلۈشى
بوم پەدە ھوشۇر قارى بوم پەدە 702 كۆرۈلۈشى
دېھقان بالىسى ھوشۇر قارى دېھقان بالىسى 630 كۆرۈلۈشى

ھوشۇر قارى ناخشىلىرى

بارلىق ناخشىلار

ناخشا ئىسمى ئاڭلاش ئادرېسى رەسىمى تەۋە ئالبۇم كۆرۈلۈشى
بىلىم ئىشقىدا بىلىم ئىشقىدا پلاستىنكا قەمبەرخان 3562 كۆرۈلۈشى
ئەخلاق ئادەم زىننىتى ئەخلاق ئادەم زىننىتى پلاستىنكا قەمبەرخان 1895 كۆرۈلۈشى
زىيارەت قىلغىلى كەلدىم زىيارەت قىلغىلى كەلدىم پلاستىنكا قەمبەرخان 1892 كۆرۈلۈشى
يا دوست يا دوست پلاستىنكا قەمبەرخان 1390 كۆرۈلۈشى
ئايشەمگۈل ئايشەمگۈل پلاستىنكا قەمبەرخان 1530 كۆرۈلۈشى
ئاسىيگۈل ئاسىيگۈل پلاستىنكا قەمبەرخان 1099 كۆرۈلۈشى
ئويناڭ دەردى بار بالىلار ئويناڭ دەردى بار بالىلار پلاستىنكا قەمبەرخان 2090 كۆرۈلۈشى
دوستلىرىم ئامان دوستلىرىم ئامان پلاستىنكا قەمبەرخان 1930 كۆرۈلۈشى
گۈل ئايشەم گۈل ئايشەم پلاستىنكا قەمبەرخان 1092 كۆرۈلۈشى
گۈل كەستىم گۈل كەستىم پلاستىنكا قەمبەرخان 1218 كۆرۈلۈشى
قەمبەرخان قەمبەرخان پلاستىنكا قەمبەرخان 1106 كۆرۈلۈشى
لەيلىگۈل لەيلىگۈل پلاستىنكا قەمبەرخان 1087 كۆرۈلۈشى
ئۆرگىلەي ئۆرگىلەي پلاستىنكا قەمبەرخان 1210 كۆرۈلۈشى
يارۇ يارۇ پلاستىنكا قەمبەرخان 2486 كۆرۈلۈشى
ساپ ئېرىق ساپ ئېرىق پلاستىنكا بوم پەدە 579 كۆرۈلۈشى
ئادارگۈل ئادارگۈل پلاستىنكا بوم پەدە 564 كۆرۈلۈشى
كاككۇك بىلەن زەينەپتىن كاككۇك بىلەن زەينەپتىن پلاستىنكا بوم پەدە 493 كۆرۈلۈشى
قەشقەردە باھار قەشقەردە باھار پلاستىنكا بوم پەدە 558 كۆرۈلۈشى
مىراجىخان مىراجىخان پلاستىنكا بوم پەدە 480 كۆرۈلۈشى
مىزانگۈل مىزانگۈل پلاستىنكا بوم پەدە 438 كۆرۈلۈشى
تاجىخان تاجىخان پلاستىنكا بوم پەدە 524 كۆرۈلۈشى
ۋاي بالا ۋاي بالا پلاستىنكا بوم پەدە 697 كۆرۈلۈشى
يارىم خۇمالىق يارىم خۇمالىق پلاستىنكا بوم پەدە 795 كۆرۈلۈشى
يېڭىسارنىڭ يوللىرى يېڭىسارنىڭ يوللىرى پلاستىنكا بوم پەدە 673 كۆرۈلۈشى
خانلەيلۇن خانلەيلۇن پلاستىنكا بوم پەدە 734 كۆرۈلۈشى
قادىر مەۋلان قادىر مەۋلان پلاستىنكا بوم پەدە 735 كۆرۈلۈشى
بوم پەدە بوم پەدە پلاستىنكا بوم پەدە 792 كۆرۈلۈشى
تۆت پەدە تۆت پەدە پلاستىنكا دېھقان بالىسى 776 كۆرۈلۈشى
گۈل يارىخان گۈل يارىخان پلاستىنكا دېھقان بالىسى 812 كۆرۈلۈشى
ئانارگۈل بالا ئانارگۈل بالا پلاستىنكا دېھقان بالىسى 715 كۆرۈلۈشى
ئەنجان يولى ئەنجان يولى پلاستىنكا دېھقان بالىسى 833 كۆرۈلۈشى
ئايرىلارمىز دېگەنمۇ ئايرىلارمىز دېگەنمۇ پلاستىنكا دېھقان بالىسى 686 كۆرۈلۈشى
باياۋان باياۋان پلاستىنكا دېھقان بالىسى 750 كۆرۈلۈشى
دېھقان بالىسى دېھقان بالىسى پلاستىنكا دېھقان بالىسى 842 كۆرۈلۈشى
جانانىم كەلسە جانانىم كەلسە پلاستىنكا دېھقان بالىسى 797 كۆرۈلۈشى
چوكان سېكىلەك چوكان سېكىلەك پلاستىنكا دېھقان بالىسى 746 كۆرۈلۈشى
يار قوشىقى يار قوشىقى پلاستىنكا دېھقان بالىسى 842 كۆرۈلۈشى
ئايلىنىپ كېتەلمىدىم ئايلىنىپ كېتەلمىدىم پلاستىنكا دېھقان بالىسى 716 كۆرۈلۈشى