ھوشۇر قارى

ھوشۇر قارى
                            «بوم پەدە»، «قەمبەرخان»، «دېھقان بالىسى»، «بىلىم ئىشقىدا» قاتارلىق ئىجادىي ۋە خەلق ناخشىلىرى ۋە «ئۇ دۇنياغا سەپەر»، «ئالىمجان بولۇمسىزمۇ»، «سەرسان روھ» قاتارلىق فىلىملەردە ياراتقان جانلىق ۋە تەسىرلىك ئوبرازلىرى، «كىم قاتىل»، «كۈندە ئايەم»، «زىيارەت» قاتارلىق ئېپىزوتلىرىدىكى يۇمۇرىستىك ئوبرازى بىلەن تاماشىبىنلار قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىپ، سەنئەت ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىغان ئۇستاز سەنئەتكار ھوشۇر قارى 1964-يىلى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ يېڭىئېرىق يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يېزىسىدا تاماملاپ، 1980-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتپىگە قوبۇل قىلىنغان. مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋېتىپ 1982-يىلى مەركىزىي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ ئاكتىيورلۇق كەسپىگە قوبۇل قىلىنغان. تۆت يىللىق ئالىي مەكتەپ ھاياتىدا «سىگان قىزى»، «قانلىق يىللار»، «يىپى ئۈزۈلگەن لەگلەك»، «ھازازۇلنى ئىندەككە كەلتۈرۈش» قاتارلىق دىرامىلاردا باش رول ۋە ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ 1986-يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىغا خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان. ھازىرغىچە مۇشۇ ئۆمەكتە ئىشلەپ كېلىۋاتىدۇ.
ئۆمەككە كەلگەندىن كېيىن «غېرىپ-سەنەم»، «مۇقام ئەجداتلىرى»، «تانسىكەش تۆمۈر خوتۇنلار»، «قېرى يىگىتنىڭ تويى»، «غۇنچەم» قاتارلىق ئەللىككە يېقىن دىراما-ئوپېرا، «تەكلىماكاندىكى ناغرا ساداسى»، «نىساخان»، «يىپەك يولى رىۋايىتى» قاتارلىق يىگىرمىگە يېقىن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا، يۈزگە يېقىن ئىتوتتا ھەر خىل پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى يارىتىپ خەلق قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. ئۇنىڭدىن باشقا قەشقەر خەلق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ بۇ خىل تالانتىنىمۇ نامايەن قىلدى.
شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا-تىياتىرىنىڭ دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسى، داڭلىق ئاكتىيور، ناخشىچى ھوشۇرقارى سەلەي بىلەن شىنجاڭ رادىئو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەرجىمە مەركىزىنىڭ ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى، ئاۋاز رېژىسسورى پاتىگۈل زۇنۇن شىنجاڭنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا زور  تۆھپە قوشقان داڭلىق سەنئەتكارلار. ئۇلار ئائىلىدە ئىناق ئەر-خوتۇن، كەسىپتە ئۆزئارا بىر-بىرىنى قوللىغۇچى بولۇپ، ئوتتۇز ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزدى. پەرزەنتى پەزىلەت ھوشۇر قارى شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ دىكتورى.
                    

ھوشۇر قارى پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

پلاستىنكا ئىسمى ناخشىچى رەسىمى ئاۋاتلىقى
قەمبەرخان ھوشۇر قارى قەمبەرخان 2089
بوم پەدە ھوشۇر قارى بوم پەدە 762
دېھقان بالىسى ھوشۇر قارى دېھقان بالىسى 690

ھوشۇر قارى ناخشىلىرى

بارلىق ناخشىلار
ناخشا ئىسمى ئاڭلاش رەسىمى تەۋە ئالبۇم ئاۋاتلىقى
بىلىم ئىشقىدا بىلىم ئىشقىدا پلاستىنكا قەمبەرخان 3757
ئەخلاق ئادەم زىننىتى ئەخلاق ئادەم زىننىتى پلاستىنكا قەمبەرخان 1960
زىيارەت قىلغىلى كەلدىم زىيارەت قىلغىلى كەلدىم پلاستىنكا قەمبەرخان 1976
يا دوست يا دوست پلاستىنكا قەمبەرخان 1469
ئايشەمگۈل ئايشەمگۈل پلاستىنكا قەمبەرخان 1568
ئاسىيگۈل ئاسىيگۈل پلاستىنكا قەمبەرخان 1164
ئويناڭ دەردى بار بالىلار ئويناڭ دەردى بار بالىلار پلاستىنكا قەمبەرخان 2157
دوستلىرىم ئامان دوستلىرىم ئامان پلاستىنكا قەمبەرخان 1978
گۈل ئايشەم گۈل ئايشەم پلاستىنكا قەمبەرخان 1136
گۈل كەستىم گۈل كەستىم پلاستىنكا قەمبەرخان 1251
قەمبەرخان قەمبەرخان پلاستىنكا قەمبەرخان 1161
لەيلىگۈل لەيلىگۈل پلاستىنكا قەمبەرخان 1122
ئۆرگىلەي ئۆرگىلەي پلاستىنكا قەمبەرخان 1256
يارۇ يارۇ پلاستىنكا قەمبەرخان 2548
ساپ ئېرىق ساپ ئېرىق پلاستىنكا بوم پەدە 618
ئادارگۈل ئادارگۈل پلاستىنكا بوم پەدە 607
كاككۇك بىلەن زەينەپتىن كاككۇك بىلەن زەينەپتىن پلاستىنكا بوم پەدە 546
قەشقەردە باھار قەشقەردە باھار پلاستىنكا بوم پەدە 626
مىراجىخان مىراجىخان پلاستىنكا بوم پەدە 543
مىزانگۈل مىزانگۈل پلاستىنكا بوم پەدە 488
تاجىخان تاجىخان پلاستىنكا بوم پەدە 547
ۋاي بالا ۋاي بالا پلاستىنكا بوم پەدە 760
يارىم خۇمالىق يارىم خۇمالىق پلاستىنكا بوم پەدە 837
يېڭىسارنىڭ يوللىرى يېڭىسارنىڭ يوللىرى پلاستىنكا بوم پەدە 720
خانلەيلۇن خانلەيلۇن پلاستىنكا بوم پەدە 770
قادىر مەۋلان قادىر مەۋلان پلاستىنكا بوم پەدە 787
بوم پەدە بوم پەدە پلاستىنكا بوم پەدە 862
تۆت پەدە تۆت پەدە پلاستىنكا دېھقان بالىسى 828
گۈل يارىخان گۈل يارىخان پلاستىنكا دېھقان بالىسى 896
ئانارگۈل بالا ئانارگۈل بالا پلاستىنكا دېھقان بالىسى 772
ئەنجان يولى ئەنجان يولى پلاستىنكا دېھقان بالىسى 892
ئايرىلارمىز دېگەنمۇ ئايرىلارمىز دېگەنمۇ پلاستىنكا دېھقان بالىسى 740
باياۋان باياۋان پلاستىنكا دېھقان بالىسى 788
دېھقان بالىسى دېھقان بالىسى پلاستىنكا دېھقان بالىسى 888
جانانىم كەلسە جانانىم كەلسە پلاستىنكا دېھقان بالىسى 852
چوكان سېكىلەك چوكان سېكىلەك پلاستىنكا دېھقان بالىسى 803
يار قوشىقى يار قوشىقى پلاستىنكا دېھقان بالىسى 887
ئايلىنىپ كېتەلمىدىم ئايلىنىپ كېتەلمىدىم پلاستىنكا دېھقان بالىسى 776