ئايەم
مۆمىنجان ئابلىكىم

ئايەم

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2018

مۆمىنجان ئابلىكىم ھەققىدە:
ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئا ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 35
ئايەم - ھەققىدە:
سۆزى: ئەمەتجان قۇرباننىڭ
مۇزىكىسى: ئابلەت ئابلىكىمنىڭ 
بۈگۈن ئايەم، بۈگۈن ھېيىت دوستلار،
بارچە دىللار كۈلسۇن ئايەمدە.
بۈگۈن ئايەم، بۈگۈن ھېيىت دوستلار،
بارچە دىللار كۈلسۇن ئايەمدە.
مىھرى-شەپقەت دوستلۇق نۇر چاچسۇن،
ساخاۋەتلىك گۈزەل ئالەمدە.
مىھرى-شەپقەت دوستلۇق نۇر چاچسۇن،
ساخاۋەتلىك گۈزەل ئالەمدە.
ئايەم، ئايەم!
خۇش يايرىسۇن جىمى بالىلار،
ئايەم، ئايەم!
خۇشال كۈلسۇن  ئاتا-ئانىلار.

♬♬♬♬♬

خۇشاللىققا تولغان ئايەم بۇ،
كۈي ناۋاسى يەتتى پەلەككە.
خۇشاللىققا تولغان ئايەم بۇ،
كۈي ناۋاسى يەتتى پەلەككە.
سىر-تۈگۈنلەر يىشىلسۇن بۇندا،
داغ تەگمىسۇن ئوتلۇق يۈرەككە.
سىر-تۈگۈنلەر يىشىلسۇن بۇندا،
داغ تەگمىسۇن ئوتلۇق يۈرەككە.
ئايەم، ئايەم!
جەم بوپ ئۆتسۇن قان-قېرىنداشلار،
ئايەم، ئايەم!
ئىناقلىقتىن سۆيۈنسۇن دىللار.

♬♬♬♬♬

پەتە قىلىپ بارايلى يوقلاپ،
تەلمۈرمىسۇن ئاتا-ئانىلار.
پەتە قىلىپ بارايلى يوقلاپ،
تەلمۈرمىسۇن ئاتا-ئانىلار.
ئۇشبۇ ئايەم قۇتلۇق كۈنلەردە،
مىھرىمىزدىن سۆيۈنسۇن دىللار.
ئۇشبۇ ئايەم قۇتلۇق كۈنلەردە،
مىھرىمىزدىن سۆيۈنسۇن دىللار.
ئايەم، ئايەم!
جەم بوپ ئۆتسۇن قان قېرىنداشلار،
ئايەم، ئايەم!
ئىناقلىقتىن سۆيۈنسۇن دىللار.
ئايەم، ئايەم!
خۇش يايرىسۇن جىمى بالىلار،
ئايەم، ئايەم!
خۇشال كۈلسۇن ئاتا-ئانىلار.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...