مۆمىنجان ئابلىكىم

مۆمىنجان ئابلىكىم
                        ياش ناخشىچىمىز مۆمىنجان ئابلىكىم 1976-يىلى 18-مارت كۈنى مېھرى ئاتەش زېمىن قەشقەرنىڭ مارالبېشى ناھىيىسى تۇمشۇق رايونى ( ھازىرقى تۇمشۇق شەھىرى ) غا قاراشلىق شاقۇ يېزىسىدا مەرىپەتپەرۋەر خەلق سەنئەتكارى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسى جايلاشقان شاقۇ يېزىسى <<دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى كۆمۈلگەن>> تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ سىرلىق قۇچىقىغا سوزۇلۇپ كىرگەن بولۇپ، پۈتۈنلەي مىللىي تۈس ئالغان ئەلنەغمە-مەشرەپلەر، سېھىرلىك رىۋايەت-چۆچەكلەر، دالىنى قاپلىغان سانسىز توغراقلار مۆمىنجاننىڭ سەبىي چاغلىرىدىكى تۇرمۇش رېئاللىقى ئىدى. سەبىي مۆمىنجان ئۆتمۈش ۋە بۈگۈگە شاھىد بولغان، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن، يۈكسەك ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئاشۇ قەدىم توغراقلىقلاردا ئوينايتتى، چارچىغاندا توغراقلارنىڭ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ خىيال سۈرەتتى. چۆچەكلەردىكى بەخت-سائادەت ئەلچىسى بولمىش ئاپئاق ساقاللىق خىزىر بوۋاي، گۈزەل بىر نازىنىننى كۈيلەپ راۋاب چېلىۋاتقان ئاشىق يىگىت، گۈل -چىچەكلەردىن بېزەك تاقىغان ئاق قاناتلىق پەرىزات قىز ....... قاتارلىق سېھىرلىك ئوبرازلار ئاشۇ توغراقلىقلاردىن چىقىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلاتتى.
مۆمىنجاننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر كېيىنچە ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن تۇمشۇقتىكى چوڭ دادىسىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ باردى. مۆمىنجان باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇدى. بۇ جەرياندا مەكتەپتىكى ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتناشتى. ھەر قېتىم پائالىيەت بولسىلا مۆمىنجان ناخشا ئېيتاتتى. 1960-،1970-يىللاردىكى ئۇنتۇلغۇسىز سەنئەتكارىمىز ئابدۇرېھىم ئەخمىدى تەرىپىدىن ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇلغان «جانانىم كەلسە» ناملىق خەلق ناخشىسى مۆمىنجانغا ئىنتايىن چوڭقۇر تەسىر قىلغان ئىدى. شۇڭا مۆمىنجان بۇ ناخشىنى پۇتۈن ھىسسىياتى بىلەن ئېيتىشنى ئۆگىنىۋالدى . مۆمىنجان «جانانىم كەلسە» ناملىق بۇ ناخشىسى بىلەن باشلانغۇچنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ھاياتىدا نۇرغۇن ئالقىشلارغا ئېرىشكەنلىكىنى ھازىرمۇ خۇشاللىق ئىچىدە ئەسلەيدۇ.
1994-يىلى يازدا مۆمىنجان تولۇق ئوتتۇرىنى تاماملاپ ، يۇقىرى نۇمۇر بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ فاكۇلتېتىنىڭ ئارخېئولوگىيە كەسپىگە قوبۇل قىلىندى.
مۆمىنجاننىڭ ئاتا تەرەپ بوۋىسى ئابدۇرېھىم ئابدۇللا (يەنى ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ دادىسى) ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى چالغۇلىرىنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ۋايىغا يەتكغزۈپ چالالايدىغان ، ئەل ئىچىدە يۇقىرى ئابرۇيغا ئىگە خەلق سەنئەتلارى ئىدى . <<مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى>> مەزگىلىدىكى ئەسەبىي سىياسىي ھەركەتلەردە بۇ مۆھتىرەم كىشىمۇ باشقا نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىزغا ئوخشاش جىمانىي ۋە رپھىي جەھەتلەردە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى . كېيىن گەرچە ۋەزىيەت ياخشىلىنىپ ، زىيانكەشلىك ئاخىرلاشقان بولسىمۇ <<سۇغا سالساڭ سۇ كۆتۈرمەس مىسقال تۆمۈرنى ، ئالتۇن بېرىپ ئېلىپ بولماس قالغان كۆڭۈلنى>> دېگەندەك ، سەنئەت ئۈچۈن تارتقان ئەلەم ۋە خورلۇق بۇ سەنئەتكارنىڭ قەلبىدە ساقايماس جاراھەتلەرنى قالدۇرغان ئىدى . شۇڭا بۇ كىشى ئۆز جەمەتىدىن يەنە داۋاملىق سەنئەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ چىقىشىنى خالىمايتتى . ئەمما ، ئىرادىگە خىلاپ ھالدا سەنئەت گېنى غالىپ كېلىپ ، بۇ ئائىلىدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ۋە ئابلەت ئابلىكىم يېتىشىپ چىقتى (مانا ئەمدىلىكتە بۇ ئىككىيلەن ئۇيغۇر ئاممىباب ناخشا-مۇزىكا ساھەسىگە زور تۆھپە قوشقان ، دىققەتكە سازاۋەر چولپانلارغا ئايلاندى ) . 
                    

مۆمىنجان ئابلىكىم پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار