سىرلىق تۇمان
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

سىرلىق تۇمان

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 25
سىرلىق تۇمان - ھەققىدە:
سۆزى: ياسىن مۇخپۇل
مۇزىكىسى: ياسىن مۇخپۇل 
چىقتىم ئۆيدىن تۈن نىسپىدە ئانام تۇيماستا،
سىرلىق تۇمان قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا.
چىقتىم ئۆيدىن تۈن نىسپىدە ئانام تۇيماستا،
سىرلىق تۇمان قاينىمىغا شۇڭغۇدۇم ئاستا.
تۈتۈنلەرگە بولدۇم ئەسىر ئېرىدى تېنىم،
گويا جەننەت ھۇزۇرىدا يايرىدى جېنىم.

ئاتا-ئانام بىساتىنى تۈتۈنگە ساتتىم،
مەئىشەتلىك تۈن قوينىغا ئۆزەمنى ئاتتىم.
چىرماپ ئالدى ۋۇجۇدۇمنى سىرلىق تۇمانلار،
دىلدا قالدى شىرىن چۈشتەك ئارزۇ-ئارمانلار.

ئاھ ئويغانسام يېتىپتىمەن زۇلمەت ئىچىدە،
گويا لەھەت باغاشلاپمەن مۇدھىش كېچىدە.
ئاھ ئويغانسام يېتىپتىمەن زۇلمەت ئىچىدە،
گويا لەھەت باغاشلاپمەن مۇدھىش كېچىدە.

قۇچاق ئېچىپ كەلدى ئەنە ماڭا شۇم ئەجەل،
تۈگەرمىكىن گۈل ياشلىقىم ئەمدى بىمەھەل.
قان يىغلارمۇ ئانام كۈندە دادام ھەسرەتتە،
ئۆتەرمىكىن باغرى پارە بىر ئۆمۈر دەرتتە.

قېنىۋالاي دىدارىغا جان ئانام قېنى،
كىم قۇتقۇزار شۇم ئەجەلنىڭ قوينىدىن مېنى.
قېنىۋالاي دىدارىغا جان ئانام قېنى،
كىم قۇتقۇزار شۇم ئەجەلنىڭ قوينىدىن مېنى.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...