ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
                        ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.

مەكتەپ ھاياتى

1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىياتىر فالكۇلتىتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناﮬىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يوشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ-دە، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىدۇ. شۇ يىلى 9- ئايدىن ئېتىبارەن ئۇ ھەقىقىي سەنئەت ﮬاياتىنى باشلىدى. ئۇ سەنئەت ئىنىستىتۇتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ﮬاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماﮬارەت يىتىلدۈردى.

نەتىجىلىرى

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7- ئايدا ئوقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان «غېرىپ-سەنەم» ئوپېراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئېلىياسنىڭ رولىنى ئېلىشقا تاللاندى. 1992- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئوپېرا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماﮬارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باﮬاسىغا ئېرىشتى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانتلىق ناخشىچىدۇر. ئۇ ئورۇنلىغان «سىرلىق تۇمان»، «ئۇچىراشقاندا»، «ۋاپادارىم»، «مۇئەللىم»، «كىچەلمەيمەن»، «ئايرىلىش»، «كۆزۈڭنى ياشلىما»، «تۇنجى سۆيگۈ»، «سېغىنىش كۈيلىرى» قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ، ئابدۇللانىڭ خەلق ئىچىدىكى شۆﮬرىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى. 1994- يىلدىن ﮬازىرغىچە «سىرلىق تۇمان»، «سۈكۈتتىكى سادا»، «پەرۋانەڭ بولاي» قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى، «شىرىن چۈش»، «تۇنجى سۆيگۈ» قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998- يىلى 4- ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. 1998- يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ «مۇنەۋۋەر ناخشىچى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «يېڭى ئادەم، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى» غا قاتنىشىپ، ئاممىباب ئۇسلۇبتا ناخشا ئېيتىش بويىچە 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1- دەرىجىلىك ناخشىچى بولۇپ باﮬالاندى. 1999- يىلى بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي» ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كېچىلىكىدە «ياشلىق كۈيى» دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى. 1999- يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى دىرامما بايرىمى» دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەﮬبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى. ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى.

ئەسەرلىرى

بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بولۇپ «شادىمان دوستلار»، «بۇ كىشىنى تونۇمسىز» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى، «گۇناﮬسىز جىنايەتكار»، «كېيىنكى ئاتا» قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ، ئۆزىنىڭ پېرسوناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يورۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە «ئۇچرىشىش»، «شىكەر شەنبە»، «پۇل»، «ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ» قاتارلىق ئېپىزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خاراكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناﮬايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناﮬايىتى يۇقىرى باﮬاسىغا ئېرىشتى. ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بولۇپ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش، دىرامما-ئېپىزوتلاردا رول ئېىلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ، «قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش»، «ئاي گۇۋاﮬ»، «ئۇر توقماق»، «كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا» قاتارلىق تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى.

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ﮬىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان. ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن، كۈتۈلمىگەندە ﮬازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى. ئۆز-ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا-ئاستا يېقىنلاشتۇردى. ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى، ئېغىر-بېسىق مىجەز-خاراكتىرى ﮬەم سەمىمىيلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ﮬۆرمىتىگە ئېرىشتى. ئامىنەمۇ 1988- يىلى «بويتاقلار ئائىلىسى» ناملىق ھىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ﮬاياجانغا سالدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988- يىلنىڭ ئاخىرى مۇﮬەببەت باغلاپ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ﮬاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى. 1991- يىلى 7- ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپېرا ئۆمىكىگە تەقسىم قىلىندى ھەمدە 1992- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ﮬالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. ﮬازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ. 
                    

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم پلاستىنكىلىرى

بارلىق پلاستىنكىلار

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرى

بارلىق ناخشىلار

ناخشا ئىسمى ئاڭلاش ئادرېسى رەسىمى تەۋە ئالبۇم كۆرۈلۈشى
تۇنجى سۆيگۈ تۇنجى سۆيگۈ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1877 كۆرۈلۈشى
قىزىل ئالما قىزىل ئالما پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1598 كۆرۈلۈشى
ئۆزەڭدۇرسەن ئۆزەڭدۇرسەن پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1332 كۆرۈلۈشى
ئاتا ئاتا پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1014 كۆرۈلۈشى
رەنجىمە رەنجىمە پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1045 كۆرۈلۈشى
ئايرىلدىم ئايرىلدىم پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1315 كۆرۈلۈشى
خەندان ئۇرۇپ خەندان ئۇرۇپ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1018 كۆرۈلۈشى
بالىلىقنى ئەسلەش بالىلىقنى ئەسلەش پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1595 كۆرۈلۈشى
قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ قەدرىگە يەت بىلگەنلەرنىڭ پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1002 كۆرۈلۈشى
ئۇچراشقاندا ئۇچراشقاندا پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1245 كۆرۈلۈشى
يار ھەققىدە قوشاق يار ھەققىدە قوشاق پلاستىنكا تۇنجى سۆيگۈ 1897 كۆرۈلۈشى
ئامرىقىم ئامرىقىم پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1176 كۆرۈلۈشى
ئىنتىزار ئىنتىزار پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1249 كۆرۈلۈشى
جانان ئۇيقۇدا جانان ئۇيقۇدا پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 2014 كۆرۈلۈشى
باياۋان باياۋان پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1565 كۆرۈلۈشى
كاككۇكلار كاككۇكلار پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1171 كۆرۈلۈشى
كەلمىدى كەلمىدى پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1042 كۆرۈلۈشى
«تۈگىمەس ناخشا» «تۈگىمەس ناخشا» پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1808 كۆرۈلۈشى
سۇمبۇلە سۇمبۇلە پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1347 كۆرۈلۈشى
قاش سۈيى قاش سۈيى پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1157 كۆرۈلۈشى
پەرۋانەڭ بولاي پەرۋانەڭ بولاي پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 986 كۆرۈلۈشى
كىتەر بولدۇم كىتەر بولدۇم پلاستىنكا يىگىت ئىشقى 1071 كۆرۈلۈشى
ئارمان ئارمان پلاستىنكا ئايرىلىش 1672 كۆرۈلۈشى
ئۇستازىم ئۇستازىم پلاستىنكا ئايرىلىش 1098 كۆرۈلۈشى
مېنى كۈتكىن مېنى كۈتكىن پلاستىنكا ئايرىلىش 1045 كۆرۈلۈشى
ئايرىلىش ئايرىلىش پلاستىنكا ئايرىلىش 1239 كۆرۈلۈشى
كەلمىدى كەلمىدى پلاستىنكا ئايرىلىش 1199 كۆرۈلۈشى
ۋاپادارىم ۋاپادارىم پلاستىنكا ۋاپادارىم 1587 كۆرۈلۈشى
جانانە جانانە پلاستىنكا ۋاپادارىم 1223 كۆرۈلۈشى
كېتەر بولدۇم كېتەر بولدۇم پلاستىنكا ۋاپادارىم 1301 كۆرۈلۈشى
يۇلتۇزۇم ئالدىمدا يۇلتۇزۇم ئالدىمدا پلاستىنكا ۋاپادارىم 1257 كۆرۈلۈشى
قىينىما قىينىما پلاستىنكا ۋاپادارىم 1022 كۆرۈلۈشى
سەن يارە سەن يارە پلاستىنكا ۋاپادارىم 1442 كۆرۈلۈشى
نەدە نەدە پلاستىنكا ۋاپادارىم 1187 كۆرۈلۈشى
دىلرابا دىلرابا پلاستىنكا شېرىن چۈش 1781 كۆرۈلۈشى
ئاشىق ئاشىق پلاستىنكا شېرىن چۈش 1255 كۆرۈلۈشى
ۋاپادار ۋاپادار پلاستىنكا شېرىن چۈش 2072 كۆرۈلۈشى
پەرۋانەڭ بولاي پەرۋانەڭ بولاي پلاستىنكا شېرىن چۈش 962 كۆرۈلۈشى
پۇتبول ناخشىسى پۇتبول ناخشىسى پلاستىنكا شېرىن چۈش 1095 كۆرۈلۈشى
ئۇۋالىم ئۇۋالىم پلاستىنكا شېرىن چۈش 1534 كۆرۈلۈشى
تاغ گۈلى تاغ گۈلى پلاستىنكا شېرىن چۈش 997 كۆرۈلۈشى
جانان ئۇيقۇدا جانان ئۇيقۇدا پلاستىنكا شېرىن چۈش 1031 كۆرۈلۈشى
شېرىن چۈش شېرىن چۈش پلاستىنكا شېرىن چۈش 1115 كۆرۈلۈشى
قىيىن ئىكەن قىيىن ئىكەن پلاستىنكا شېرىن چۈش 1101 كۆرۈلۈشى
سۆيۈلمىگەن قىز سۆيۈلمىگەن قىز پلاستىنكا شېرىن چۈش 1074 كۆرۈلۈشى
ھايات لوڭقىسى ھايات لوڭقىسى پلاستىنكا شېرىن چۈش 1060 كۆرۈلۈشى
كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن كېچەلمەيمەن سېنىڭدىن ۋەتەن پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 2742 كۆرۈلۈشى
مەشرەپ مەشرەپ پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 1996 كۆرۈلۈشى
توغراق توغراق پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1918 كۆرۈلۈشى
قېرىنداش بىز قېرىنداش بىز پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1026 كۆرۈلۈشى
سىزنى ئەسلىدىم سىزنى ئەسلىدىم پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1622 كۆرۈلۈشى
بول يانىمدا بول يانىمدا پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 967 كۆرۈلۈشى
يار سېنى پاناھ تارتىپ يار سېنى پاناھ تارتىپ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 988 كۆرۈلۈشى
تەنھا سۆيگۈ تەنھا سۆيگۈ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1218 كۆرۈلۈشى
سېنى دېدىم سېنى دېدىم پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 997 كۆرۈلۈشى
تۇنجى قار تۇنجى قار پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1153 كۆرۈلۈشى
جاھان بۇ جاھان بۇ پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 833 كۆرۈلۈشى
مۇھەببەت مۇھەببەت پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1664 كۆرۈلۈشى
ھايات ھايات پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1210 كۆرۈلۈشى
يول بەرگىن يول بەرگىن پلاستىنكا تەنھا سۆيگۈ 1891 كۆرۈلۈشى
مۇئەللىم مۇئەللىم پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 2215 كۆرۈلۈشى
بىزنىڭ ناخشىمىز بىزنىڭ ناخشىمىز پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 4163 كۆرۈلۈشى
بالىلىقىم بالىلىقىم پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 950 كۆرۈلۈشى
مەجنۇنتال مەجنۇنتال پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1684 كۆرۈلۈشى
ئەسلەرسەنمۇ ئەسلەرسەنمۇ پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 954 كۆرۈلۈشى
باھارغا مۇشتاقلىق باھارغا مۇشتاقلىق پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1519 كۆرۈلۈشى
ئاناجان ئاناجان پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 896 كۆرۈلۈشى
گۈلشەندىكى نىدا گۈلشەندىكى نىدا پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1314 كۆرۈلۈشى
مۇھەببەت ناتونۇش مۇھەببەت ناتونۇش پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1015 كۆرۈلۈشى
گۈزەللىكىدىن گۈزەللىكىدىن پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 827 كۆرۈلۈشى
كەلمىسە كېرەك كەلمىسە كېرەك پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1201 كۆرۈلۈشى
ئالما ئانارىڭ ئالما ئانارىڭ پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1376 كۆرۈلۈشى
يول بولسۇن يول بولسۇن پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1087 كۆرۈلۈشى
يار دەردى يار دەردى پلاستىنكا شېرىن ئەسلىمە 1454 كۆرۈلۈشى
ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز ۋەتىنىم سەن جاندىن ئەزىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 2819 كۆرۈلۈشى
ئۇنتالمىدىم ئۇنتالمىدىم پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 1348 كۆرۈلۈشى
سىزنى سېغىنسام سىزنى سېغىنسام پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 877 كۆرۈلۈشى
كارۋان بىز كارۋان بىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 1220 كۆرۈلۈشى
ئانا ئانا پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1706 كۆرۈلۈشى
سىز سىز پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 971 كۆرۈلۈشى
سەھرا سەھرا پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 854 كۆرۈلۈشى
شۇ چاغلار (بۇلبۇللار) شۇ چاغلار (بۇلبۇللار) پلاستىنكا ئاشىق 1830 كۆرۈلۈشى
گۈزەلىم گۈزەلىم پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 942 كۆرۈلۈشى
قىرىقتىن ئۆتكەندە قىرىقتىن ئۆتكەندە پلاستىنكا قىرىقتىن ئۆتكەندە 1526 كۆرۈلۈشى
كەچۈر ئۆزۈم كەچۈر ئۆزۈم پلاستىنكا كەچۈر ئۆزۈم 1830 كۆرۈلۈشى
سەنەم سەنەم پلاستىنكا سەنەم 1040 كۆرۈلۈشى
ئېيتماڭ ئېيتماڭ پلاستىنكا ئېيتماڭ 1233 كۆرۈلۈشى
سەندە بار سەندە بار پلاستىنكا سەندە بار 1151 كۆرۈلۈشى
نەزىفە نەزىفە پلاستىنكا نەزىفە 1016 كۆرۈلۈشى
سورىما سورىما پلاستىنكا سورىما 1653 كۆرۈلۈشى
ئەللىك يېشىم ئەللىك يېشىم پلاستىنكا ئەللىك يېشىم 960 كۆرۈلۈشى
كۆكلەمدىكى يۈرەك كۆكلەمدىكى يۈرەك پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 1012 كۆرۈلۈشى
ئۇنىتالمايمەن ئۇنىتالمايمەن پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 894 كۆرۈلۈشى
قوشماق قوشماق پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 925 كۆرۈلۈشى
ئەركەم ئەركەم پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 1141 كۆرۈلۈشى
كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا كۈلكىگە يۇغۇرۇلغان يىغا پلاستىنكا كۆكلەمدىكى يۈرەك 1810 كۆرۈلۈشى
تاپارمەن تاپارمەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1063 كۆرۈلۈشى
باقما باقما پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1352 كۆرۈلۈشى
ئەي سابا ئەي سابا پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1115 كۆرۈلۈشى
قەيەردە سەن قەيەردە سەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1095 كۆرۈلۈشى
چۈشۈمگە كىر چۈشۈمگە كىر پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 3559 كۆرۈلۈشى
خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە) خىيالدىكى سۆيگۈ (زىلالە) پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1577 كۆرۈلۈشى
قانداق قىلارمەن قانداق قىلارمەن پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 992 كۆرۈلۈشى
تەكلىماكان تەكلىماكان پلاستىنكا خىيالدىكى سۆيگۈ 1000 كۆرۈلۈشى
ئوغلۇمغا ئوغلۇمغا پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 975 كۆرۈلۈشى
ئاسان ئەمەس ئاسان ئەمەس پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 859 كۆرۈلۈشى
ئانامنىڭ بولسۇن ئانامنىڭ بولسۇن پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 762 كۆرۈلۈشى
قالدى قالدى پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 865 كۆرۈلۈشى
نېمە بولدى؟ نېمە بولدى؟ پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 1005 كۆرۈلۈشى
ياخشى كۆر ياخشى كۆر پلاستىنكا ئابدۇللا سەھنىسى 2023 926 كۆرۈلۈشى
تۇغۇلغان كۈنۈڭ تۇغۇلغان كۈنۈڭ پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 795 كۆرۈلۈشى
ئامان بولسۇن ئامان بولسۇن پلاستىنكا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ناخشىلىرىدىن تاللانما 732 كۆرۈلۈشى
ئايرىلىش مىنۇتلىرى ئايرىلىش مىنۇتلىرى پلاستىنكا ئاشىق 545 كۆرۈلۈشى
ئېلىپ كەتسىڭىز ئېلىپ كەتسىڭىز پلاستىنكا ئاشىق 533 كۆرۈلۈشى
ئانامغا مەكتۇپ ئانامغا مەكتۇپ پلاستىنكا ئاشىق 522 كۆرۈلۈشى
كۆزۈڭنى ياشلىما كۆزۈڭنى ياشلىما پلاستىنكا ئاشىق 489 كۆرۈلۈشى
توختى يولۋاس توختى يولۋاس پلاستىنكا ئاشىق 572 كۆرۈلۈشى
كەت دېمىگىن كەت دېمىگىن پلاستىنكا ئاشىق 543 كۆرۈلۈشى
ھەسرەتلىك كۆز يېشى ھەسرەتلىك كۆز يېشى پلاستىنكا ئاشىق 582 كۆرۈلۈشى
تەنھا يۈرەكلەر تەنھا يۈرەكلەر پلاستىنكا ئاشىق 594 كۆرۈلۈشى
چىن ئىنسان چىن ئىنسان پلاستىنكا ئاشىق 574 كۆرۈلۈشى