
سېتىۋېلىش ئورنى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم
يول بەرگىن
پلاستىنكا: تەنھا سۆيگۈ
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2015
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن.
مەكتەپ ھاياتى
1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ...
داۋامى
تۈر:
ئىجادىي ناخشا
مەنبە:
پايدىلانغان مەنبە
كۆرۈلۈشى:
910

يول بەرگىن - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم مۇزىكىسى: دىلمۇرات تۇرسۇن
يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە، سەپىرىگە ئاق ئاق يول تىلەپ. قول بەرگىن پاك مىھرىڭ بىلەن، يۈكسەكلەرگە كەتسۇن ئۆرلەپ. كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل، قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت. يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك، ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت. سۆيگۈ بولسا دىلدا ھەردەم، كۆكسىمىزگە سىغار ئالەم. چاقناپ كۆڭۈل ئاسمىنىدا، يۇلتۇز بولۇپ جىمى ئادەم. يول بەرگىن يول ئىزدىگەنلەرگە، سەپىرىگە ئاق ئاق يول تىلەپ. قول بەرگىن پاك مىھرىڭ بىلەن، يۈكسەكلەرگە كەتسۇن ئۆرلەپ. كۆڭۈلدىن سۇ ئىچسۇن كۆڭۈل، قىينىمىسۇن يۈرەكنى ھەسرەت. يازنىڭ ئالتۇن ئاپتىپىدەك، ھەممىمىزگە ياغسۇن ئامەت.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...
مەزمۇنلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...