بىزنىڭ ناخشىمىز
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

بىزنىڭ ناخشىمىز

پلاستىنكا: شېرىن ئەسلىمە

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2012

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 1863
بىزنىڭ ناخشىمىز - ھەققىدە:
سۆزى : تەلئەت ناسىر
مۇزىكىسى : ئابلىكىم ئابدۇللا 
كېزەر ناخشىمىز ھەر ياننى
ساداسى ياڭرىتىپ جاھاننى
بولۇپ كاككۇكقا جۆر بۇلبۇل
قىزىتقاي باغۇ-بوستاننى

بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ
چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل خۇشى
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ

يۈرەك ئۇرغۇتسا شادلىقنى
كۈلەر ئورمان چىمەنزارلار
كىشى ناخشىنى ئېيتقاندا، ئېيتقاندا
كېلەر ئەسكە گۈزەل چاغلار
بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ
چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ

ئەي …
قېنى دوستۇم سۈرۈپ دەۋران
ئەي …
جاھانغا ياڭرات ناخشاڭنى
جاھانغا ياڭرات ناخشاڭنى
ئەي ….

سەھەر ئاشىناسى قۇشلاردەك
ئەي …
باغاش ئەت دىلدا ئارماننى
باغاش ئەت دىلدا ئارماننى

بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ
چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ

ئابدۇللا ئانسامبىلى
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...