ئۇزاق يول
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

ئۇزاق يول

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2008

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 13
ئۇزاق يول - ھەققىدە:
سۆزى: نامەلۇم
مۇزىكىسى: نامەلۇم 
بارار جايىم قاياندۇر،
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
بارار جايىم قاياندۇر،
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
يېتەر چاغىم قاچاندۇر،
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئۇزاق، ئۇزاق، ئۇزاق يول.
ئۇزاق، ئۇزاق، ئۇزاق يول.

ئۇچرىشارمىش پەرىشتە،
ئۈزۈلمىدى بۇ رىشتە.
ئۇچرىشارمىش پەرىشتە،
ئۈزۈلمىدى بۇ رىشتە.
چاچلىرىمغا قوندى قار،
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئۇزاق، ئۇزاق، ئۇزاق يول.
ئۇزاق، ئۇزاق، ئۇزاق يول.

بوۋام شۇنداق ماڭغانكەن،
تاقەت يۈكى تاڭغانكەن.
بوۋام شۇنداق ماڭغانكەن،
تاقەت يۈكى تاڭغانكەن.
ئۆمۈر ئۇزۇن، ئۆمۈردىن،
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئۆمۈر ئۇزۇن، ئۆمۈردىن،
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
ئۇزاق، ئۇزاق، ئۇزاق يول.
ئۇزاق، ئۇزاق، ئۇزاق يول.
ئاياغىمدا ئۇزاق يول.
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...