بىزنىڭ ناخشىمىز (2013)
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم

بىزنىڭ ناخشىمىز (2013)

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2013

ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەققىدە:
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر، ﮬىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانلىق ناخشا چولپىنىدۇر. ئۇ 1969- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناﮬىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان. ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ﮬاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن. مەكتەپ ھاياتى 1987- يىلى 5- ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى تىيات ... داۋامى
تۈر: ئىجادىي ناخشا
كۆرۈلۈشى: كۆرۈلۈشى 6
بىزنىڭ ناخشىمىز (2013) - ھەققىدە:
سۆزى: تەلئەت ناسىرى
مۇزىكىسى: ئابلىكىم ئابدۇللا 
كېزەر ناخشىمىز ھەر ياننى
ساداسى ياڭرىتىپ جاھاننى
بولۇپ كاككۇكقا جۆر بۇلبۇل
قىزىتقاي باغۇ-بوستاننى
بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ
چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى
ئەل زوق بىلەن ئاڭلايدۇ
يۈرەك ئۇرغۇتسا شادلىقىنى
كۈلەر ئورمان چىمەن-باغلار
كىشى ناخشىنى ئېيتقاندا ئېيتقاندا
كېلەر ئەسكە گۈزەل چاغلار
بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ
چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى
ئەل زوق بىلەن ئاڭلايدۇ
♪♪♪
ئەي....
قېنى دوستۇم سۈرۈپ دەۋران
ئەي....
باغاش ئەت دىلدا ئارماننى
باغاش ئەت دىلدا ئارماننى
ئەي....
سەھەر ئاشناسى قۇشلاردەك
ئەي....
باغاش ئەت دىلدا ئارماننى
باغاش ئەت دىلدا ئارماننى
بىزنىڭ ناخشىمىز ياڭرايدۇ
چالغان سازىمىز ياڭرايدۇ
ئېيتقان ناخشىمىز كۆڭۈل سۆزى
ئەل زوقى بىلەن ئاڭلايدۇ
——
ئابدۇللا ئانسامبىلى
مۇناسىۋەتلىك ناخشىلار ئېچىلىۋاتىدۇ ...