كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئوغۇل ئىسمى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1132 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • داۋۇد

    (داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

  • دولان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 436كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)

  • دولقۇن

    (دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 647كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  • دىلشاد

    (دىلشات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 480كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل

  • دىلمۇراد

    (دىلمۇرات) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    كۆڭۈل ئارزۇسى

  • دىلمۇھەممەد

    (دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 543كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى

  • دىليار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 515كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان

  • دىيار

    (دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 516كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە

  • دىۋان

    (دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 482كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو

  • دۆلەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 893كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».

  • دېھقان

    (دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 674كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق

  • دەرمان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا

  • دەريا

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 591كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)

  • دەۋران

    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    زامانلار، دەۋرلەر؛ ئايلىنىش

  • رابات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 835كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رايون، شەھەر ئەتراپى؛ قونالغۇ، دەڭ، مېھمانخانا، ئۆتەڭ

  • راززاق

    (رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 505كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۆپ رىزقى بەرگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئەسلىيسى «رەززاق»

  • رازى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 462كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رازى بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى

  • رازىق

    (راسىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    رىزقى بەرگۈچى

  • راشىد

    (راشى، راشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 545كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پاراسەتلىك، ئاقىل، يېتىلگەن؛ توغرا يولدا ماڭغان؛ ئويغاق، ھوشيار، سەزگۈر

  • راشىدىن

    (راشىتىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 478كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ توغرا يولىدا ماڭغۇچى. ئەسلىيسى «راشىددىن»

  • رامىزان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 605كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان

  • راھدىل

    (رادىل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 398كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    يولداش؛ دېل ئارزۇسى، ئارزۇ قىلىنغان، كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن نىشان

  • رۇزى

    (رۇزەم، رۇزىخان، رۇزەك، رۇزىجان، روزى، روزا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 835كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 89

    كۈن، كۈندۈز (بۇ يەردە «رامىزان ئىچىدە تۇغۇلدى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • رۇستەم

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 1043كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رىۋايەتلەردىكى پارس قەھرىمانى، مەشھۇر پالۋان، ئىستېمال مەنىسى: (1) باھادىر، قەھرىمان، (2) مەخپىي

  • رەئۇپ

    (راۋۇپ، راۋۇپجان، رەۋۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەپقەت قىلغۇچى، رەھىمدىل (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتىلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «رەئۇپ» مۇ «الـ» بىلەن كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

  • رەجەب

    (رەجەپ، رەجەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) ھۆرمەتلىك، (2) رەجەب ئېيىدا تۇغۇلغان

  • رەسۇل

    (روسۇل، رۇسۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 593كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئەلچى، خەۋەرچى، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • رەشاد

    (رىشات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 536كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاڭلىق، يېتىلگەن، تولغان

  • رەشىد

    (رەشىت، رېشىت، رىشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى. «رەشىد» ئەگەر «الـ» بىلەن كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرىنى كۆرسىتىدۇ.

  • رەشىدۇللا

    (رەشىدۇل، رەشىتۇل، رەشىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 415كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا يول كۆرسەتكەن، توغرا يولدا ماڭغان كىشى