كىشى ئىسىملىرى

  • پەخرى
    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 591 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • پازىل
    (فازىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 424 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    (1) پەزىلەتلىك، تالانتلىق، بىلىملىك؛ (2) مەڭگۈلۈك؛ (3) تۆھپىسى بار، ئەجرى بار؛ (4) ئالاھىدىلىكى بار، مەشھۇر، داڭلىق

  • پولات
    (پولاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («پولاتتەك مۇستەھكەم، چىڭ» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • پىدا
    (پىداجان، فەدا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 419 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تەقدىم قىلماق؛ بېغىشلىماق، ئۆزىنى ئاتىماق

  • پىدائەھمەد
    (پىداخمەت، پىداقمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 387 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    پىدا: ئىسمى، ئەھمەد: سۈپىتى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە «مۇھەممەد ئۈچۈن، مۇھەممەدنىڭ يولى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغۇچى» دېگەن مەنە ئىپادىلىنىدۇ)

  • پەرھاد
    (پەرھات، پەرخات، پەرەھەت، پەرەخەت، فەرھات، فەرھاد) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 636 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىم ئايرىم-ئايرىم مەنە بىلدۈرىدىغان بەش ھەرپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا «فرھاد» دەپ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى «ف» پىراقنى، «ر» رەشىكنى، «ھ» ھىجراننى، «ا» ئاھنى، «د» دەردنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما كىشىلەر بۇ ئىسىمنى نەۋايىنىڭ «پەرھاد-شېرىن» داستانىدىكى باتۇر ئوبراز

  • پەھلىۋان
    (پەلىۋان، پالىۋان، پالۋان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 450 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    باتۇر، يۈرەكلىك؛ دارۋاز، سېركچى

  • پەرۋىن
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 1094 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئۈكەر يۇلتۇز

  • پەھمى
    (پەخمى، فەھمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 421 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، زېرەك

  • پەۋزى
    (پاۋزۇ، فەۋزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 385 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇتۇق قازانغۇچى؛ ئۇتۇق

  • پەيسەل
    (پايسال، فەيسال، فايسال) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 381 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئادىل سوتچى، كېسىم چىقارغۇچى؛ گۇۋاھچى

  • پەيزى
    (فەيزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 496 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئېسىل، ئالىيجاناب؛ بەرىكەت، ئىنئام، ياخشىلىق؛ مول، جىق

  • پەزلى
    (پەزلىخان، فەزلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 540 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئېھسان، شەپقەت، ياخشىلىق، ئارتۇقچىلىق، ئالاھىدىلىك، ئەۋزەللىك، ئۆزگىچىلىك؛ شەرەپ، پەخىر؛ ئەجىر، تۆھپە؛ خاسىيەت. ئىزاھات: ئەسلىيسى «پەزل». «پەزلىخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • پەزلۇللا
    (پەيزۇللا، پەيزۇل، پەزۇل، فەزلۇللا، فەيزۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 461 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ پەزلى (شەپقىتى)

  • پەرۋاز
    (پەرۋازخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 568 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇچماق. ئىزاھات: «پەرۋازخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • پەرھان
    (پەرخان، فەرھان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خۇشال، خۇش، شاد

  • پەرھىدىن
    (پەرىدىن، فەرھىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ خۇشلۇقى

  • پەرھىز
    (پەرىز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 519 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ساقلانماق

  • پەرۋەر
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 516 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۆيگۈچى، قوغدىغۇچى

  • پەرۋىش
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 389 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاسرىماق، تەربىيەلىمەك

  • پەررۇھ
    (پەررۇخ، پەرۇخ، پەرۇق، فەررۇھ، فەرۇھ) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 408 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: گۈزەل، مۇبارەك، قۇتلۇق، بەختىيار

  • پەرز
    (فەرز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 538 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەقدىر-پىشانە؛ تاپشۇرۇق، مەجبۇرىيەت

  • پەرد
    (پەرت، پەرىد، فەرد، فەرىد، فەرت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 483 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) يېگانە، يالغۇز؛ تەڭداشسىز، (2) ئۈنچە-مارجان، گۆھەر، ئالماس. ئىزاھات: «پەرد» بولسا «پەرىد» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

  • پەخرىدىن
    (پەخىردىن، پەقىردىن، پەھرىدىن، فەھرىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئىپتىخارى

  • پەتىھ
    (پەتى، پەتىخ، فەتىھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غەلىبە، نۇسرەت؛ ئىشغال قىلماق

  • پەجرى
    (فەجرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 496 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاڭ، تاڭ سەھەر، تاڭ ئاتماق

  • پەجرىدىن
    (پەجىردىن، فەجىردىن، فەجرىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 362 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ تېڭى

  • پەتھۇللا
    (پەتتۇللا، پەتۇللا، پەتۇل، پەتخۇللا، پەتيۇللا، پەتقۇللا، پەتقۇللام، فەتھۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 421 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ ياردىمى، ئاللانىڭ نۇسرىتى

  • پەتتاھ
    (پەتتار، فەتتاھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 599 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دائىم يەڭگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • پانار
    (پەنەر، پىنار، فەنەر) تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 461 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىراغ، مەشئەل. ئەسلىيسى «پەنار».