كىشى ئىسىملىرى

  • سۇبات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 710كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 15

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق

  • سەئىد

    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • سەردار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • ساۋۇت

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 500كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سابىت

    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سابىر

    (سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 418كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»

  • سادىر

    (سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 461كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • سادىق

    (سادۇق) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 409كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    راستچىل، ھەقىقىي، سەمىمىي (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سالام

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 492كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سەپەر

    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • سەمەد

    (سەمەت، سەمەتخان، سەمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مەڭگۈلۈك، دائىملىق، مەڭگۈ

  • سەييىد

    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 434كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سۇلتان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سېتىۋالدى

    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.

  • سەلىم

    (سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 528كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ساغلام، ساق-سالامەت

  • سەئدۇللا

    (سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 497كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى

  • سەيپۇللا

    (سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 503كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سۇلەيمان

    (سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 389كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)

  • سالاھىدىن

    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • سەبرى

    (سەۋر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    سەۋر قىلماق

  • سەيپىدىن

    (سەپىدىن، سەيپى) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 392كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دىننىڭ قىلىچى. ئەسلىيسى «سەيپىددىن».

  • سۈپۈرگە

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 478كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    بىر خىل تازىلىق سايمىنى (كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قويۇلغان ئىسىم)

  • سۇرئەت

    (سۈرئەت، سۈرئەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 393كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    تېزلىك، چاققانلىق

  • سىراجىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 498كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    دىننىڭ چىرىغى

  • ساتتار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 487كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»

  • سەدىرىدىن

    (سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».

  • سەزگۈر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 390كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سۈرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 466كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».

  • سۈزۈك

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 418كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    پاك، پارقىراق

  • سابىق

    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)