كىشى ئىسىملىرى
-
دانىش
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 608
،
ياقتۇرغانلار: 14
بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك
-
داۋۇد
(داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 529
،
ياقتۇرغانلار: 13
داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.
-
داۋامەت
(دۇگامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 413
،
ياقتۇرغانلار: 12
دائىملىق، مەڭگۈلۈك. بۇ ئىسىم ئەسلىدە «دەۋامەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئىسىم «دۇگامەت» كە ئۆزگىرىپ، «دۇئامەد، دۇئامۇھەممەد» لەرنىڭ مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.
-
دىلمۇراد
(دىلمۇرات) تىل تەۋەلىكى: پ ئە
كۆرۈلۈشى: 411
،
ياقتۇرغانلار: 12
كۆڭۈل ئارزۇسى
-
دولقۇن
(دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 647
،
ياقتۇرغانلار: 11
بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
-
دىلشاد
(دىلشات) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 480
،
ياقتۇرغانلار: 10
كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل
-
دىليار
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 515
،
ياقتۇرغانلار: 10
كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان
-
دىيار
(دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 516
،
ياقتۇرغانلار: 10
يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە
-
دەۋران
تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 529
،
ياقتۇرغانلار: 1
زامانلار، دەۋرلەر؛ ئايلىنىش
-
دادىل
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 1076
،
ياقتۇرغانلار: 0
جۈرئەتلىك
-
دانىشيار
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 414
،
ياقتۇرغانلار: 0
ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېروفېسسور؛ بىلىم ئىگىسى، بىلىمنى يار تۇتقۇچى
-
دانىيال
(دانىيار) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 475
،
ياقتۇرغانلار: 0
دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (مەنىسى ئېنىق ئەمەس). بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بولغان «دانىيار» نىڭ مەنىسى ئىلىمنى دوست تۇتقۇچى.
-
دائى
(داھى، دايى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 481
،
ياقتۇرغانلار: 0
يولباشچى، تەشەببۇسچى، يولباشلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
دەرمان
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 501
،
ياقتۇرغانلار: 0
كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا
-
دەريا
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 591
،
ياقتۇرغانلار: 0
دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)
-
دولان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 436
،
ياقتۇرغانلار: 0
يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)
-
دۆلەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 893
،
ياقتۇرغانلار: 0
دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».
-
دېھقان
(دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 674
،
ياقتۇرغانلار: 0
يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق
-
دىلمۇھەممەد
(دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە
كۆرۈلۈشى: 543
،
ياقتۇرغانلار: 0
دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى
-
دىۋان
(دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 482
،
ياقتۇرغانلار: 0
توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو