كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئوغۇل ئىسمى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1132 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • شىجائەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 615كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    غەيرەت، جۈرئەت، باتۇرلۇق

  • شىرئەلى

    (شىرەلى، شىرلى) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئەلىدەك باتۇر، ئەلىدەك شىر سۈپەت؛ شىردەك ئەلى؛ ئەلىنىڭ شىردەك باتۇرى (ئەلى - چاھاريارلاردىن بىرى)

  • شىراق

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 514كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 3

    پاچاقنىڭ تىزدىن ئوشۇققىچە بولغان قىسمى

  • شىپا

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 462كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    داۋا، داۋالاش، دورا؛ ساقايماق، سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلمەك. ئەسلىيسى «شىپائى».

  • شۆھرەت

    (شۆرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 728كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    مەشھۇر بولماق، تونۇلماق، شۆھرەت، نام

  • شۇكۇر

    (شۈكۈر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 534كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    شۈكۈر قىلماق، رەھمەت ئېيتماق

  • شۇڭقار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 675كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 5

    بىر خىل قۇش (قارچۇغا) نامى

  • شېرىنجان

    (شىرىنجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 528كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    شېرىن: ئىسمى، جان: قوشۇمچىسى

  • شەرىپ

    (شېرىپ، شىرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    شەرەپلىك، قىممەتلىك، ئۇلۇغ، مۇنەۋۋەر، يۈكسەك، ئالىي

  • شەرىپىدىن

    (شەرپىدىن، شەرپى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 455كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ شەرىپى، دىننىڭ ئۇلۇغ كىشىسى، دىننىڭ ئۇلۇغلۇقى. ئەسلىيسى «شەرىپىددىن».

  • شەرەپ

    (شاراپ، شاراپخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 537كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغلۇق، پەخىر، قىممەت؛ ئۈستۈنلۈك، مەرتىۋە، ئابرۇي، ئالىيجانابلىق، ھەيۋەت؛ ئېسىللىق، سالاپەت. ئىزاھات: «شاراپخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • شەمسى

    (شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 487كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    قۇياش، كۈن؛ قۇياش كەبى. ئىزاھات: «شەمسى، شەمىس، شەمسىدىن» لەر ئوخشاشلا «شەمشى» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • شەمسىدىن

    (شەمشىدىن، شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 467كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    دىننىڭ قۇياشى. ئەسلىيسى «شەمسىددىن».

  • شەمشاد

    (شەمشات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 823كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تۈز ئۆسىدىغان بىر خىل دەرەخ

  • شەمشەر

    (شەمشىر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 463كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئۆتكۈر پىچاق، قىلىچ

  • شەمەر

    (شەمىر، شىمەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىتتىك، كەسكىن

  • شەنبە

    (شەمبە، شەمبىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۈن ئىسمى (كۈن). ئىزاھات: «شەمبىگۈل» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • شەيدا

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 576كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاشىق، ئاشىق بولماق، ئاللاغا ئاشىقلىق قىلماق

  • شەيدائى

    (شەيدايى) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاشىق كەبى؛ ئاشىقلىققا خاس

  • شەھرىيار

    (شەرىيار، شورىيار، شورىيا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 546كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    بۈيۈك شاھ؛ شۆھرەت يار بولغاي. «شەھرىيار» بەزى جايلاردا ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • شەھرۇللا

    (شارۇل، شارۇللا، شەھرۇل، شەرۇل، شەرۇللا، شەرۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 793كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئاللانىڭ شۆھرىتى

  • شەۋقى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىشققا خاس؛ مۇھەببەتلىك، قىزغىن

  • شەۋكەت

    (شاۋكەت، شۆكەت، شۆۋكەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 578كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ھەيۋەت، ئۇلۇغ، كۈچلۈك

  • غازى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئاللا يولىدا جەڭ قىلغۇچى

  • غالىب

    (غالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 595كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    غەلىبە قىلغۇچى

  • غاپىر

    (غاپۇر، غاپۇرجان، غاپىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەپۇ قىلغۇچى، كەچۈرگۈچى

  • غاپپار

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 478كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دائىم ئەپۇ قىلغۇچى، كەچۈرگۈچى، مەغپىرەت قىلغۇچى. ئەسلىيسى «غەپپار».

  • غىياس

    (غىياز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 637كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياردەم بەرگۈچى، ياردەمچى، قۇتۇلدۇرماق، قۇتۇلدۇرۇش مېلى

  • غىياسىدىن

    (غىيازىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1181كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    دىننىڭ ياردەمچىسى

  • غۇلام

    (غۇلامجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 552كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ياش يىگىت؛ ياش چاكار، قۇل