كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئوغۇل ئىسمى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1132 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • مەجىد

    (مىجىت، مىشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغ، شەرەپلىك، مەشھۇر (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • مەخدۇم

    (مەخسۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خوجايىن، خوجا، ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغۇچى؛ ئۆلىمالارنىڭ بالىلىرى، خوجام

  • مەدەتكار

    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 422كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەدەت بەرگۈچى، ياردەمچى

  • مەرد

    (مەرت) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئېيىتقان گېپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان، ئۆز گېپىگە ئىگە بولىدىغان، (2) قورقۇشنى بىلمەيدىغان، قورقماس، باتۇر، يۈرەكلىك، مەردانە، (3) پۇلنى دوست تۇتمايدىغان، قولى ئوچۇق؛ سېخىي

  • مەردان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    مەردلەرچە، ئەرلەرچە؛ ئەرلەر

  • مەردى

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 400كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يىگىتلەرچە، يىگىتتەك

  • مەرغۇب

    (مەرغۇپ، مۇرغۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 941كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياخشى كۆرۈنىدىغان، كۆڭۈلگە ياقىدىغان، ئارزۇ قىلغاندەك؛ سۈپەتلىك

  • مەركىت

    (مەكىت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) قەبىلە نامى، (2) يەر نامى

  • مەرمەر

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 642كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئېسىل تاش

  • مەرگەن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 401كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قارىغا ئالغۇچى؛ پالۋان

  • مەسئۇد

    (مەسخۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 446كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    بەختلىك، تەلەيلىك

  • مەستۇر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 588كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەيىبلىرى يېپىلغان

  • مەشئەل

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 456كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يورۇقلىق مەنبەسى، يورۇغۇچ

  • مەشرىق

    (مەشرىقجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 357كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەرق تەرەپ؛ شەرقتىكى ئەللەر، كۈن چىقىش (بۇ يەردە «كۈننىڭ چىقىشى» ئۇلۇغلانغان؛ شۇنىڭدەك «مەشرىقجان» بولغاندا «شەرق ئوغلى» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • مەشرەب

    (مەشرەپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 453كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش ئورنى

  • مەششا

    (مىششا، مىشا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەلتاپان، شاتۇر، تېز يۈرەر

  • مەشھۇر

    (مەشۇر، مەشۇرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 483كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شۆھرەتلىك، داڭلىق

  • مەشھەد

    (مەشھەت، مەشەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 418كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شېھىدلىك، شېھىد بولغان جاي، شەھىدلەر ياتقان جاي

  • مەغرىب

    (مەغرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    غەرب تەرەپ، غەربتىكى ئەللەر، قىبلە تەرەپ (بۇ يەردە قىبلە ئۇلۇغلانغان)

  • مەقبۇز

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 365كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قوبۇل قىلىنغان، تاپشۇرىۋېلىنغان.

  • مەقبۇل

    (مەخپۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 354كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    تەلىپى قوبۇل بولغۇچى؛ مۇۋاپىق، ئۇيغۇن

  • مەقسۇد

    (مەخسۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 382كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    كۆڭۈلگە پۈكۈلگەن، ئارزۇ قىلغان، مەقسەت قىلغان، تىلىگەن.

  • مەكتۇب

    (مەكتۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 507كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خەت، رىسالە، يېزىققا ئېلىنغان نەرسە

  • مەلىك

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 482كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پادىشاھ؛ مالدار، ئىگىدار

  • مەمنۇن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    خۇش، رازى، خۇرسەن

  • مەنار

    (مۇنار، مۇنارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ماياك؛ مۇنار

  • مەنزىل

    (مەڭزىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆي، قونالغۇ، قونىدىغان جاي

  • مەنسۇر

    (ماڭسۇر، مەڭسۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 637كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ياردەمگە ئېرىشكۈچى؛ غەلىبە قىلغۇچى، نۇسرەت بېرىلگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مەيىن

    (مەيىم، مەينەم، مىيىن، مۇيىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 347كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىللىق، راھەتلىك، راھەتبەخىش، يېنىك، يۇمشاق

  • مەپتۇن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەستانە بولغۇچى، شەيدا بولغۇچى