كىشى ئىسىملىرى

سىز ئىزدىگەن «ئوغۇل ئىسمى» نىڭ ئىزدەش نەتىجىسى
1132 ئوغۇل ئىسىملىرى بار
  • ئاسان

    (ھاسان، ھەسەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئوڭايلىق، ئاسانلىق، (2) سالامەتلىك. ئىزاھات: «ئاسان» قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئەسەن» (سالامەتلىك، ساقلىق) نىڭ ئۆزگىرىشى بولۇپ، ھازىرقى مەنىسى ئاساس قىلىنمايدۇ. «ئاسان» بۇ يەردە «ئەسەن» گە ھەم ئۇلار «ھاسان، ھەسەن» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • ئاسىب

    (ئاسىپ، ئاسىپجان، ئاسىپخان، ھاسىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 367كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاتا جەمەت

  • ئاسىل

    (ھاسىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 419كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئېسىل نەسەبلىك

  • ئاشىق

    (ھاشىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 487كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىشىق ئوتىدا كۆيگۈچى، سۆيگۈچى، ياخشى كۆرگۈچى، سېغىنغۇچى

  • ئاغىنە

    (ئاغىنىخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 436كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاكا-ئىنىدەك بولماق. ئىزاھات: «ئاغىنىخان» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ئاقسۇ

    (ئاخسۇ) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 495كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سۈپسۈزۈك، ئەزىز سۇ؛ ئاق ئاقىدىغان سۇ؛ سۇلۇق جاي

  • ئالتاي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 726كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 21

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئالماس

    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 663كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئالىم

    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 610كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئالىپ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 445كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قەھرىمان، باتۇر

  • ئالپ ئەرتوڭا

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 773كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قاپلاندەك باتۇر ئەر

  • ئالپ بىلگە قاغان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 629كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىلىمىك، باتۇرخان

  • ئالچىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1115كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چىن كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى.

  • ئامان

    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئامىر

    (ئامۇر، ھامىر، غامىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 486كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئاۋات، ئاۋات قىلغۇچى، ئاۋات جاي، ئولتۇراق جاي (2) قوماندان، بۇيرۇق قىلغۇچى، ئەمىر قىلغۇچى، ئىش بۇيرۇغۇچى

  • ئاياز

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 566كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سوغۇققانلىق؛ قىش پەسلى

  • ئايتۆمۈر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 383كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تۆمۈردەك مەھكەم، ئايدەك چىرايلىق قىز بولۇپ چوڭ بولسۇن. ئەسكەرتىش: «ئايتۆمۈر، ئايتۇرغان، ئايتۇردى، ئايتۇرغۇن» قاتارلىق ئىسىملار بەزى جايلاردا ئەرلەرگە، بەزى جايلاردا ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ئايتەڭرى

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 692كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تەڭرى: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى

  • ئايسۇ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 656كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سۈزۈك سۇ، زىلال سۇ.

  • ئايسەپەر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 273كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. «ئايسەپەر» ئەرلەرگىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئورخۇن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 455كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    موڭغۇل ئىگىزلىكىدىكى بىر دەريانىڭ نامى؛ «بۈيۈك، يۈكسەك، ھۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

  • ئوسمان

    (ئوسمانجان، ئوسمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    كىچىك يىلان، يىلان بالىسى. ئىزاھات: «ئوسمان» نىڭ ئەسلىيسى «ئۇسمان». گەرچە بۇ ئىسىمنىڭ قەدىمكى ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنى چاھاريارلادىن بولغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويغان.

  • ئوغلان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 565كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوغۇل، باتۇر؛ ئوغۇللار

  • ئوغۇز

    (ئوغۇزخان، ئوغۇزجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 662كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئوغۇز سۈتى (تۇنجى ئەمگەن سۈت)، (2) ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى. ئىزاھات: «ئوغۇزخان» تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر داستانى «ئوغۇزنامە» دە تىلغا ئېلىنىدىغان بۈيۈك قەھرىماننىڭ نامى بولۇپ، ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • ئوغۇز بىلگە

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 419كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوغۇزلارنىڭ بىلىملىك كىشىسى

  • ئوغۇزئالىپ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 424كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوغۇزلارنىڭ قەھرىمانى، باتۇر ئوغۇل

  • ئوغۇزباي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 397كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوغۇزلاردىن بولغان ئەر

  • ئوغۇزتاي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 399كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چەبدەس، تېتىك ئوغۇز يىگىتى

  • ئوغۇل

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 925كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يىگىت، باتۇر

  • ئوغۇلتۇرسۇن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 375كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئوغۇل تۇرۇپ قالسۇن