كىشى ئىسىملىرى

  • ئايجاھان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 514 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاھاننىڭ گۈزىلى. ئەسلىيسى «ئايجەھان».

  • ئالچىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 477 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىن كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى.

  • ئايجانان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 392 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جانغا جان قوشقۇچى قىز

  • ئالپ ئەرتوڭا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 382 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قاپلاندەك باتۇر ئەر

  • ئايجۈمە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 374 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جۈمە كۈنى تۇغۇلغان قىز. ئەسلىيسى: «ئايجۇمئە».

  • ئايجۆرە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 367 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاينىڭ قوشنىسى، ئاينىڭ ھەمراھىئ ئەسلىيسى: «ئايجۇرە».

  • ئايجەلىل
    (ئايجېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 356 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جەلىل: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى («جەلىل» نىڭ مەنىسى: ئۇلۇغ)

  • ئالماس
    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 348 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئايچېچەك
    (ئايچەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 347 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چېچەكتەك يۇمران، گۈزەل، پاك قىز

  • ئايتۈن
    (ئايتۇن، ئايتۇنخان، ئايتۇنقىز، ئايتۇنگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 346 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۈندىكى ئاي

  • ئايتىللا
    (ئايتىللاخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 340 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىللادەك ئېسىل، قىممەتلىك قىز. ئەسكەرتىش: «ئايتىللا» بولسا «ئايەتۇللا» دىنمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ئابدۇلئەھەد
    (ئابدۇلئەھەت، ئابدۇلئەخەت، ئابدىلئەخەت، ئابلەخەت، ئابلەھەت، ئابلاھەت، ئابلەت، ئابلەم، ئاۋلەت، ئاۋلەتجان، ئەخەت، ئەھەت، ئەخەم، ئەخىنىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 329 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    بىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇسالام
    (ئابدىسالام، ئابسالام، سالام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 324 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالامەتلىكنى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئارسلان
    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 322 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئابدۇرەھمان
    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 319 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 47 ياقتۇرۇش

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئايچولپان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 318 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چولپان يۇلتۇزىدەك نۇرلۇق قىز

  • ئازاد
    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 315 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئابا
    (ئاباخان، ئاباق، ئابام، ئابىخان، ئابەش، ئابەك، ئاباش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 314 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    دادا، ئاتا، ئاتام (بۇ ئىسىمدا ئاتا ئۇلۇغلانغان). «ئابدۇلۋاھاب، ئابدۇكەرىم» قاتارلىق بىر قانچە ئىسىملارمۇ «ئابا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئارمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 309 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئايتۈنە
    (ئايتۇنە، ئايتۇنەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 306 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «ئايتۈن» گە ئەرەبچە مۇئەننەسلىك ئىپادە «ئە» قوشۇلۇپ، ئۆزلەشتۈرۈلگەن

  • ئالىم
    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 304 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 3 ياقتۇرۇش

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئايتەڭرى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 299 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەڭرى: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى

  • ئارزۇ
    (ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 296 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    (1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ

  • ئادالەت
    (ئادالەتخان، ئادالەتگۈل، ئادالەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 295 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    ئادىللىق، خالىسلىق؛ قانۇن. ئەسلىيسى «ئەدالەت»

  • ئالتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 293 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 21 ياقتۇرۇش

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئابباس
    (ئاباس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 289 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، چىرايى تۇتۇلغان؛ تۇتۇق ھاۋا. «ئابباس» ئەسلىدە «ئەبباس» بولسىمۇ، تىل ئادىتىمىزگە ئاساسەن شۇنداق ئېلىندى.

  • ئابدۇرەشىد
    (ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 283 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئابدۇرەئۇپ
    (ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 281 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».

  • ئابىدە
    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 279 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئاتىللا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 268 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.