كىشى ئىسىملىرى

  • ئالتۇن
    (ئالتۇنخان، ئالتۇنقىز، ئالتۇنگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 554 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 4 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنتنى ئالتۇنغا ئوخشىتىش مەنىسى ئەكىس ئەتكەن. شۇڭا «ئالتۇندەك قىممەتلىك ۋە ئەتىۋار قىز» مەنىسىنى بېرىدۇ)

  • ئابدۇلئەھەد
    (ئابدۇلئەھەت، ئابدۇلئەخەت، ئابدىلئەخەت، ئابلەخەت، ئابلەھەت، ئابلاھەت، ئابلەت، ئابلەم، ئاۋلەت، ئاۋلەتجان، ئەخەت، ئەھەت، ئەخەم، ئەخىنىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 675 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    بىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئالىيە
    (ئالىيەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 407 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    ئۈستۈن، يۈكسەك

  • ئايىمنىسا
    (ئايمىسا) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    ئايىم: ئىسمى، نىسا: قوشۇمچىسى (ئايدەك گۈزەل ئايال)

  • ئادالەت
    (ئادالەتخان، ئادالەتگۈل، ئادالەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 685 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    ئادىللىق، خالىسلىق؛ قانۇن. ئەسلىيسى «ئەدالەت»

  • ئالما
    (ئالمىخان، ئالمىگۈل، ئالمىقىز، ئاممىگۈل، ئاممىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 616 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنت ئالمىغا ئوخشىتىلغان)

  • ئانا
    (ئانىخان، ئانىقىز، ئانىقىزخان، ئانىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 514 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىمدا «ئانا» ئۇلۇغلانغان ۋە قىز پەرزەنتكە ئىسىم قىلىپ قويۇلغان

  • ئادىلە
    (ئادىلەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 554 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    ئادىل ئايال

  • ئابىدە
    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 573 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئامىنە
    (ئامىنەم، ئامىنىخان، ئامىنىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 553 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئاللادىن نىجاتلىق تىلەيمەن؛ (2) ئاللا، مېنىڭ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغىن؛ (3) ئىشەنچلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار. ئىزاھات: «ئامىنە» بىلەن «ئەمىنە» بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ۋ

  • ئايگۈل
    (ئايگۈلخان، ئايگۈلقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 675 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئايدەك گۈزەل قىز

  • ئاينۇر
    (ئاينۇرەم، ئاينۇرخان، ئاينۇرقىز، ئاينۇرگۈل، ئاينىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 285 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئاي نۇرىدەك گۈزەل قىز. ئەسكەرتىش: «ئاينىم» بولسا «ئايىنىم» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئابدۇرەھىم
    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 475 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئادىل
    (ھادىل، ھەدىل، ئادىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 471 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئادالەتنى ياقلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئارسلان
    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 620 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئارمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 664 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئالىم
    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 584 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئامان
    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئاتائۇللا
    (ئاتاۋۇللا، ئاتاۋۇل، ئاتاللا، ئاتىللا، ئەتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 527 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ بەرگىنى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل

  • ئاتلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 585 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • ئائىشە
    (ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 648 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    (1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە

  • ئايلا
    (ئايلىخان، ئايلام، ئايلىقىز، ئايلامخان، ئايلىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 269 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاچا، ھەدە؛ ئاچا ئورنىدىكى قىز

  • ئالماس
    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 638 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • ئاتىللا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 646 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ياۋروپا ھون ئېمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېمپېراتورلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۈيۈك، داڭلىق. بۇ ئىسىم يەنە «ئاتائۇللا» نىڭ بىرخىل ئۆزگىرىشىگە ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئارزۇ
    (ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 749 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    (1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ

  • ئايتۆرە
    (ئايتۆرەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ م تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    چىرايلىق ۋە ئېسىل نەسەبلىك

  • ئايدەنا
    (ئايدانا، ئايدەن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 442 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، دانىشمەن، بىلىملىك قىز

  • ئازادە
    (ئازادەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 484 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئەركىنلىك، كەڭ-كۇشادىلىك

  • ئابدۇلئەزىز
    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 452 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئازاد
    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 656 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.