كىشى ئىسىملىرى

  • ئايزىبا
    (ئايزىۋا، ئايزىۋاخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 34 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 3 ياقتۇرۇش

    كۆركەم، كېلىشكەن، گۈزەل قىز

  • ئابدۇرەھىم
    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 194 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئابدۇرەئۇپ
    (ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 281 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».

  • ئابدۇشەكۇر
    (ئابدۇشۈكۈر، ئابدىشۈكۈر، شۈكۈر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 194 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    رەھمەت (شۈكۈر) نى قوبۇل قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئادىل
    (ھادىل، ھەدىل، ئادىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 200 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 2 ياقتۇرۇش

    ئادالەتنى ياقلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئابا
    (ئاباخان، ئاباق، ئابام، ئابىخان، ئابەش، ئابەك، ئاباش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 314 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    دادا، ئاتا، ئاتام (بۇ ئىسىمدا ئاتا ئۇلۇغلانغان). «ئابدۇلۋاھاب، ئابدۇكەرىم» قاتارلىق بىر قانچە ئىسىملارمۇ «ئابا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئايبېكە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 176 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئايدەك خېنىم

  • ئابدۇراززاق
    (ئابدۇراززاق، ئابدىراززاق، ئابدىرزاق، راززاق، رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 240 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    رىزقى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەززاق».

  • ئابدۇسەييىد
    (ئابدۇسېيىت، ئابدىسىيىت، ئابسىيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 258 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: خوجا، ئۇستاز. بۇ يەردە «خوجىمىز مۇھەممەد پەيغەمبەرگە قۇللۇق قىلغۇچى» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • ئاباد
    (ئاۋات، ئاۋاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 223 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاۋاتچىلىق، مەمۇرچىلىق، ئاۋات جاي، ئاۋات ئۆي

  • ئابامبەگ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 143 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابام: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى

  • ئابامئۇلۇغ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 166 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابام: ئىسمى، ئۇلۇغ: سۈپىتى

  • ئاباھاجى
    (ئاباجى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 176 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابا: ئىسمى، ھاجى: قوشۇمچىسى

  • ئاباھاجىم
    (ئاباجىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابا: ئىسمى، ھاجىم: قوشۇمچىسى

  • ئابباس
    (ئاباس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 289 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، چىرايى تۇتۇلغان؛ تۇتۇق ھاۋا. «ئابباس» ئەسلىدە «ئەبباس» بولسىمۇ، تىل ئادىتىمىزگە ئاساسەن شۇنداق ئېلىندى.

  • ئابباسخوجا
    (ئاباسخوجا) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 213 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئابباس: ئىسمى، خوجا: سۈپىتى

  • ئابدۇ
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 184 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىم ئادەتتە يالغۇز قوللىنىلمايدۇ. شۇڭا، بۇ يەردىكى «ئابدۇ» ئەسلىي قويۇلغان ئىسىم ئەمەس، بەلكى ئارقىسىدىكى تەركىب تاشلىۋېتىلگەن ئىسىمدۇر. لېكىن ئۇنىڭ مۇستەقىل مەنىسى بار. ئۇ «بەندە، قۇل، كىشى، ئادەم، ئىنسان» دېگەن مەنىلەرگە ئىگە. «ئابدۇ» ئەسلىدە (عبد) بولسىمۇ، ئادەت ب

  • ئابدۇئەسئەد
    (ئابدەسەت، ئابدۇئەسەت، ئابدىئەسەت، ئەسئەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 154 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختلىك كىشى. «ئابدۇئەسئەد» بىلەن «ئابدۇئەسەد» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىدۇ.

  • ئابدۇئەسەد
    (ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 250 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شىر كەبى ئادەم

  • ئابدۇئەلا
    (ئابدەلا، ئابدۇلئەلا، ئابلەلا، ئابدىئەلا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 184 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەلانىڭ قۇلى («ئەلا» نىڭ مەنىسى: ھەممىدىن ئۈستۈن. بۇ يەردە «ھەممىدىن ئۈستۈن كىشى» دېگەن مەنىدىمۇ كىلىدۇ). ئەسلىيسى «ئابدۇئەئلا».

  • ئابدۇرەھمەت
    (ئابدۇرەخمەت، ئابدىرەخمەت، ئابىرەخمەت، رەخمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 210 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رەھمەتكە سازاۋەر كىشى؛ رەھمەتنىڭ قۇلى («رەھمەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى).

  • ئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 184 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەھرىمان، باتۇر

  • ئايسۇ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 151 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۈزۈك سۇ، زىلال سۇ.

  • ئالچىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 479 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىن كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى.

  • ئاقسۇ
    (ئاخسۇ) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 190 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۈپسۈزۈك، ئەزىز سۇ؛ ئاق ئاقىدىغان سۇ؛ سۇلۇق جاي

  • ئالپ ئەرتوڭا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 384 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قاپلاندەك باتۇر ئەر

  • ئايتەڭرى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 299 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەڭرى: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى

  • ئالپ بىلگە قاغان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 211 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىلىمىك، باتۇرخان

  • ئابدۇلئەزىز
    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 184 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئابدۇلئەزىم
    (ئابدۇلئېزىم، ئابدۇھەزىم، ئابدىلئېزىم، ئابدىئېزىم، ئابدىزىم، ئابدەزىم، ئابلېزىم، ئابلىزىم، ئابدىسىم، ئابدىھېزىم، ئېزىم، ھېزىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ، كاتتا ئاللانىڭ بەندىسى