كىشى ئىسىملىرى
-
ئامانەتخان
تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 364
، ياقتۇرغانلار: 0
سادىق، ئىشەنچىلىك ئايال
-
ئازىمە
(ئايزىمە) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 363
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئارزۇ، ئارمان، نىيەت، (2) ئۇلۇغلۇق، ئەزىمەتلىك، بۈيۈكلۈك، باتۇرلۇق، پەخىرلىنىش، ھەيۋەت؛ ئۇلۇغ ئايال (3) ئەپسۇن، جادۇ، سېھىر
-
ئايسۇرۇر
تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە
كۆرۈلۈشى: 363
، ياقتۇرغانلار: 0
خۇشال قىز
-
ئارىيە
(ئارىمخان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 362
، ياقتۇرغانلار: 0
ئارىيەت ئالماق، قەرز ئالماق (بۇ يەردە «ئاللادىن پەرزەنت قەرز ئېلىش» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ خۇددى «سېتىۋالدى» دېگەن ئىسىمغا «ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى» دەپ مەنە بەرگەنگە ئوخشاش). ئىزاھات: «ئارىيە»نىڭ يەنە «ئىستىئارە؛ پارچە، ئايرىپ ئېلىنغان، ئۈزۈپ ئېلىنغان» دېگەن مەنىلىرى
-
ئايتۆمۈر
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 362
، ياقتۇرغانلار: 0
تۆمۈردەك مەھكەم، ئايدەك چىرايلىق قىز بولۇپ چوڭ بولسۇن. ئەسكەرتىش: «ئايتۆمۈر، ئايتۇرغان، ئايتۇردى، ئايتۇرغۇن» قاتارلىق ئىسىملار بەزى جايلاردا ئەرلەرگە، بەزى جايلاردا ئاياللارغا قويۇلىدۇ.
-
ئايخاتۇن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 362
، ياقتۇرغانلار: 0
ئايدەك گۈزەل ئايال، گۈزەل خانىش
-
ئارامئاي
(ئاراماي) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 361
، ياقتۇرغانلار: 0
كۆڭۈلگە ئارام بېرىدىغان قىز
-
ئالىيقىز
(ئالىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 361
، ياقتۇرغانلار: 0
مەرتىۋىسى ئۈستۈن قىز
-
ئابدۇسالىھ
(ئابدۇسالى، ئابدۇسەلەي، ئابدىسەلەي، ئابدىسالى، ئابسالى، سالى، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 360
، ياقتۇرغانلار: 0
سالىھنىڭ قۇلى («سالىھ» مۇھەممەد ئەلەيىھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ئادىل، ياخشى كىشى)
-
ئايپولات
تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 360
، ياقتۇرغانلار: 0
پولاتتەك ئىرادىلىك قىز
-
ئادۇلغەپۇر
(ئابدۇغوپۇر، ئابدىغوپۇر، غوپۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 359
، ياقتۇرغانلار: 0
كەچۈرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى
-
ئائىزخان
(ئايىزخان، ئايسىخان، ئايسىگۈل، ئايسىقىز، ئايزىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 359
، ياقتۇرغانلار: 0
پېقىر
-
ئابىدىنىسا
(ئابىنىسا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 358
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىبادەتگۈي، تەقۋادار ئايال
-
ئاقكۆڭۈل
(ئاخكۆڭۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 358
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاق كۆڭۈل، سەمىمىي قىز
-
ئاپئاقئاي
(ئاپپاقئاي) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 357
، ياقتۇرغانلار: 0
ئايدەك ئاپئاق قىز
-
ئاغىچە
(ئاغىچەم، ئاغىچى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 357
، ياقتۇرغانلار: 0
باي، مۆتىۋەر (ئايال)؛ خان ئاچا، ئاچا؛ خەزىنىچى، يىپەك رەختلەرنى ساقلىغۇچى
-
ئارىپە
(ھارىپە، ئارىفە) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 355
، ياقتۇرغانلار: 0
سوۋغات، ھەدىيە
-
ئاسىيبانۇ
(ئاسىبان) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 355
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاسىيە: ئىسمى، بانۇ: سۈپىتى
-
ئاناتولىيە
تىل تەۋەلىكى: ت
كۆرۈلۈشى: 355
، ياقتۇرغانلار: 0
تۈركىيەدىكى جاي نامى
-
ئايتولسۇن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 355
، ياقتۇرغانلار: 0
ئايدەك تولغان
-
ئايتۇران
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 353
، ياقتۇرغانلار: 0
تۈرك قىزى، تۈرك گۈزىلى
-
ئاۋازخان
(ھاۋازخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 352
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاۋاز: ئىسمى، خان: سۈپىتى (بۇ ئىسىمدا «ئاۋاز» ئۇلۇغلانغان)
-
ئايتۇرسۇن
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 352
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ يەردە «قىزىم تۇرۇپ قالسۇن» دېگەن تىلەك ئەكىس ئېتىدۇ
-
ئايچىنار
(ئايچىنارخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ
كۆرۈلۈشى: 351
، ياقتۇرغانلار: 0
چىناردەك كېلىشكەن، گۈزەل قىز؛ چىنار بويلۇق قىز
-
ئاپئاققىز
(ئاپپاققىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 350
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاپئاق قىز (بۇ يەردە ئاق رەڭ ئۇلۇغلىنىپ، قىز پەرزەنتىنىڭ ئاق بەدەن بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان).
-
ئايتۈرك
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 350
، ياقتۇرغانلار: 0
تۈرك قىزى، تۈرك گۈزىلى
-
ئارىپگۈل
(ھارىپگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 349
، ياقتۇرغانلار: 0
ئارىپ: ئىسمى، گۈل: سۈپىتى
-
ئاقيۇلتۇز
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 349
، ياقتۇرغانلار: 0
يۇلتۇز: ئىسمى، ئاق: سۈپىتى ( بۇ يەردە «يورۇق يۇلتۇزدەك گۈزەل قىز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)
-
ئالىپخان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 349
، ياقتۇرغانلار: 0
باتۇر ئايال
-
ئانار
(ئانارەم، ئانارخان، ئانارقىز، ئانارگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 349
، ياقتۇرغانلار: 0
مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە قىز پەرزەنت ئانارغا ئوخشىتىپ سۈپەتلەنگەن)