كىشى ئىسىملىرى

  • ئالچىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1080 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىن كۆڭۈل، سەمىمىي كىشى.

  • ئايىمبىبى
    (ئايىمبۈۋى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 1000 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئايىم: ئىسمى، بىبى: سۈپىتى (خېنىم قىزىم)

  • ئايجاھان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 945 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاھاننىڭ گۈزىلى. ئەسلىيسى «ئايجەھان».

  • ئابدۇلجەلىل
    (ئابدۇجەلىل، ئابجېلىل، ئابجەل، ئابجىل، جەللاخۇن، جېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 914 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئاينىسا
    (ئاينىساخان، ئاينىساقىز، ئاينىسايىم، ئاينىساگۈل، ئاينىسەم، ئەينىسا، ئەينىسەم، ئەينىسەمخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 904 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاياللارنىڭ ئارىسىدىكى گۈزەل

  • ئايىمتىللا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 875 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تىللادەك ئەتىۋارلىق قىز

  • ئايىمپاشا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 872 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مېنىڭ پاشا قىزىم

  • ئاينەسەب
    (ئاينىسەپ، ئاينىسەپخان، ئاينىسەپگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 847 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئايدىن تۆرەلگەن، ئاي نەسەبلىك، ئايغا ئوخشاش

  • ئايزادە
    (ئايزادەم، ئايزادىخان، ئايزادىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 801 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاي بالىسى

  • ئارزۇ
    (ئارزۇگۈل، ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان، ھازىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 749 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    (1) ئۈمىد، قىزغىنلىق، (2) ئارزۇلۇق قىز (ئازىلىق قىز). ئىزاھات: «ئارزۇ» نىڭ يەنە: «ئارزۇخان، ئارزۇقىز، ئازىم، ئازى، ئازىخان، ئازىگۈل، ئازىقىز، ھازى، ھازىخان» قاتارلىق ئۆزگىرىشلىرى بار. يۇقىرىقىلارنىڭ ئىچىدە «ئازى، ھازى» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا ئۇنىڭ مەنىسى «ئازىلىق ئوغ

  • ئابدۇرەھمان
    (ئابدۇراخمان، ئابدىراخمان، ئابدىرەخىم، ئابدىرامان، رامان، رەخمان، رەخىم، رەخىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 748 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 47 ياقتۇرۇش

    مېھىر-شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھمان». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئابباس
    (ئاباس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 742 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تاغىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، مەنىسى: قوشۇمىسى تۈرۈلگەن، چىرايى تۇتۇلغان؛ تۇتۇق ھاۋا. «ئابباس» ئەسلىدە «ئەبباس» بولسىمۇ، تىل ئادىتىمىزگە ئاساسەن شۇنداق ئېلىندى.

  • ئالپ ئەرتوڭا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 737 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قاپلاندەك باتۇر ئەر

  • ئايجانان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 731 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جانغا جان قوشقۇچى قىز

  • ئاخۇن
    (ئاخۇنجان، ئاخۇنۇم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 699 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاخۇن ئوغلۇم، ئاخۇنۇم بالام. ئىزاھات: «ئاخۇن» بەزىلەرنىڭ قارىشىچە، كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئاخىرىغا ئۇلىنىپ كېلىدىغان قوشۇمچە تەركىب بولۇپ، ئەرەبچىدىكى «ئەخۋان» (ئاكا-ئۇكا، بۇرادەر، قېرىنداش) سۆزىدىن كەلگەن. يەنە بەزىلەر ئۇنى «ئاق ھون» دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى دەيدۇ. چاغاتاي دەۋر

  • ئالتاي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 696 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 21 ياقتۇرۇش

    پارلاق، مەدەن كۆپ، ئوچۇق كۆزگە تاشلىنىدىغان. ئالتاي تېغى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنى كۆرسىتىدۇ.

  • ئادالەت
    (ئادالەتخان، ئادالەتگۈل، ئادالەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 685 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 6 ياقتۇرۇش

    ئادىللىق، خالىسلىق؛ قانۇن. ئەسلىيسى «ئەدالەت»

  • ئابا
    (ئاباخان، ئاباق، ئابام، ئابىخان، ئابەش، ئابەك، ئاباش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 678 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    دادا، ئاتا، ئاتام (بۇ ئىسىمدا ئاتا ئۇلۇغلانغان). «ئابدۇلۋاھاب، ئابدۇكەرىم» قاتارلىق بىر قانچە ئىسىملارمۇ «ئابا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئابدۇرەشىد
    (ئابدۇرېشىت، رېشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 676 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    توغرا يول كۆرسەتكۈچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئايجۆرە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 675 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاينىڭ قوشنىسى، ئاينىڭ ھەمراھىئ ئەسلىيسى: «ئايجۇرە».

  • ئايگۈل
    (ئايگۈلخان، ئايگۈلقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 675 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    ئايدەك گۈزەل قىز

  • ئابدۇلئەھەد
    (ئابدۇلئەھەت، ئابدۇلئەخەت، ئابدىلئەخەت، ئابلەخەت، ئابلەھەت، ئابلاھەت، ئابلەت، ئابلەم، ئاۋلەت، ئاۋلەتجان، ئەخەت، ئەھەت، ئەخەم، ئەخىنىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 674 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 5 ياقتۇرۇش

    بىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئايتەڭرى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 666 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەڭرى: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى

  • ئارمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 664 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئايجۈمە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 659 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جۈمە كۈنى تۇغۇلغان قىز. ئەسلىيسى: «ئايجۇمئە».

  • ئازاد
    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 656 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئابدۇلقادىر
    (ئابدۇقادىر، ئابدىقادىر، قادىر، ئابدۇقادى، ئابدىقادى، قادى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 654 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، ھەممىگە قادىر ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئايجەلىل
    (ئايجېلىل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 653 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جەلىل: ئىسمى، ئاي: سۈپىتى («جەلىل» نىڭ مەنىسى: ئۇلۇغ)

  • ئاماننىسا
    (ئاماننا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 652 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 27 ياقتۇرۇش

    ئىشەنچلىك، خاتىرجەم ئايال

  • ئائىشە
    (ئايشە، ئايشەم، ئايشەمخان، ئايشەمگۈل، ئايشىخان، ئايشىقىز، ئايشىگۈل، ھاشىخان، ھاشىقىز، ھاشىگۈل، ئەيشەمخان، ئېيشىخان، ئېيشەم، ھاشى، ھايشەم، ئايىشە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 648 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    (1) ياخشى تۇرمۇش، (2) چىرايلىق، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ ئىسمى بولۇپ، بۇ يەردە «ئائىشەدەك ئايال» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئىزاھات: «ئائىشە» بىلەن «ئاشىر، ئاشىرە» نىڭ كېيىنكى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشاپ كېتىدۇ. مەسىلەن، «ھاشىخان، ھاشىگۈل» دېگەنلەردەك. «ئائىشە» نىڭ يەنە