كىشى ئىسىملىرى

  • بەسەر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆرۈش قۇۋۋىتى، نەزەر كۈچى

  • بۇنيامىن
    تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يۈسۈپ پەيغەمبەرنىڭ ئىنىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى ئېنىق ئەمەس.

  • بەھمەن
    (بامان) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 124 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) قەدىمكى ئىران خۇدالىرىنىڭ بىرىنىڭ ئىسمى، بەزى ماتېرىياللاردا ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ نامى دېيىلىدۇ، (2) بىر خىل ئۆسۈملۈك نامى، (3) ئىران ھېسابىدا شەمسىيە 11-ئاي نامى (قىش ئېيى)، [11-ئايدا (قىش ئېيىدا) تۇغۇلغان دېگەن مەنىدە]؛ (4) ياخشى ئۇقۇم. يەنە بەزىلەرنىڭ ئېيتىشىچە

  • بوقۇرسا
    (بوقۇسا) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 125 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىر خىل دېھقانچىلىق سايمىنى

  • بۆرەباي
    (بۆرىۋاي) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 125 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۆرە: ئىسمى، باي: سۈپىتى (بۆرە كەبى چەبدەس ۋە ئەقىللىق ئوغۇل)

  • بالىخان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 126 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئەركىلەتمە ئىسىسم بولۇپ «خان بالام» دېگەن بولىدۇ؛ ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • بەھزاد
    (بەخزات، بېھزات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 128 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياراملىق ئوغۇل

  • بەھرۇز
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 131 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەختلىك

  • بوران
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 131 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۈچلۈك شامال

  • بەرۇز
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەكمۇيەك جەڭچى

  • بەگيار
    (بىگيار، بىكيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەگ (ئاللا) يار بولغۇچى. ئىزاھات: «بەگقۇلى، بەگيار» دېگەندەك ئىسىملاردىكى «بەگ» بۇ يەردە ئاللانى كۆرسىتىدۇ.

  • بۆرەتېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۆرە كەبى ئەقىللىق شاھزادە

  • بابا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 135 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاتا

  • بارمان
    (بامان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 136 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دۆلەتمەن. ئىزاھات: «بارمان» مۇ «بامان» غا ئۆزگىرىپ، «بەھمەن» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • باسىت
    (ۋاسىت، گاسىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 136 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    نازۇ-نېمەتلىرىنى كەڭ يايغۇچى

  • بۇرسلان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 141 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قاپلان

  • بايقارا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 142 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چوڭ باي

  • بەشىر
    (بېشىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 145 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خۇش خەۋەر يەتكۈزگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • بىلگە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 146 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئالىم، ئاقىل، بىلىملىك، دانىشمەن. ئىزاھات: تۈركىيەدە قىزلارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • بەگ (بېك)
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەر، ھۆكۈمران، خان، باشلىق، ھەممىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىغان (قەدىمكى ئەمەل ناملىرىدىن بىرى). بۇ ئىسىم «بېك» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ ۋە بەزىدە «تەڭرى ۋە ئاللا» مەنىسىدىمۇ كېلىدۇ.

  • بەدئ
    (بەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 154 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەشھۇر، ئاجايىپ، چىرايلىق، گۈزەل،ياراتقۇچى، ئىجادكار، ئىجادىيەتچى. ئىزاھات: بۇ يەردىكى «بەدى» بولسا «بەردى» دىن ئۆزگەرگەن «بەدى» گە تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىمايدۇ (ئۇنىڭدىكى «ـە» سوزۇق تاۋۇشى قىسقا تەلەپپۇز قىلىنىدۇ).

  • بۆرەيار
    (بۆرىيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 154 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۆرە يار بولىدۇ، بۆرە يول باشلايدۇ (بۇ يەردىمۇ ئەجدادلارغا سېغىنىش روھى ئەكىس ئېتىدۇ)

  • بەدرى
    (بەدىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 158 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) تولۇن ئاي؛ (2) مەدىنىدىكى بىر جاينىڭ نامى

  • باي
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 161 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە باياشاتلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بەزى ھاللاردا «ئوغۇل، يىگىت» دېگەن مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ.

  • بوسۇغا
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 162 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىشىك بوسۇغىسىنى كۆرسىتىدۇ (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ چىداملىق، كەمتەر چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان)

  • بوغۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 167 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەۋلاد، بالا، نەسىل

  • بەدەل
    (بەدەلخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 168 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئىزباسار

  • بەكرى
    (بەكرەش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 169 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۇنجى بالا؛ بوتىلاق

  • بەھرىمەن
    (بەھمەن، بەرمەن، بەمەن) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 169 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەھىر ئالماق

  • بەختى
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 170 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەخت؛ بەختلىك. ئىزاھات: ئەسلىيسى «بەخت». قازاق كىشى ئىسىملىرىدا «باقىت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.