كىشى ئىسىملىرى

  • تارخان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 468 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (قەدىمكى ئۇنۋان ناملىرىدىن بىرى بولۇپ، ھۆكۈمران تەبىقىنىڭ ئىمتىيازلىق ئەزالىرىغا بېرىلىدۇ ھەمدە ئۆزىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىمتىيازى ئەۋلادلىرىغا مىراس بولۇپ قالىدۇ)

  • تاشمۇھەممەد
    (تاشمەت، تاشمەمەت، تاشمەممەت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 426 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تاش: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى

  • تاشپولات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 445 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    تاش ۋە پولاتتەك مەھكەم

  • تالىب
    (تالىپ، تايلىپ، تالىش، تالىپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 464 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئىلىم تەلەپ قىلغۇچى، ئوقۇغۇچى

  • تاھىر
    (تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 576 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.

  • توختى
    (توختاش، توختەك، توختەم، توختامىش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 571 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    بۇ، پەرزەنتنىڭ سالامەت قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، «توختاپ قالسۇن، ئۆلۈپ كەتمىسۇن» دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسىم.

  • تىلىۋالدى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 494 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    ئاللادىن پەرزەنت تىلىۋالدى.

  • تىلەك
    (تىلەش، تىلەم، تىلەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 489 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۈمىد، ئارزۇ (بۇ يەردە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ)

  • تۆرە
    (تۆرەم، تۆرىخان) تىل تەۋەلىكى: م تىل كۆرۈلۈشى: 499 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بەگزادە، ئاقسۆڭەك، كىچىك خوجام، كىچىك ئىشان (بۇ، ئەسلىي موڭغۇلچە «تۇراھ» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشان ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ قالغان، دېيىلىدۇ)

  • تۆمۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 544 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 18 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى (بۇ يەردە تۆمۈردەك مەھكەم، چىداملىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىپ چىقىش ئارزۇسى ئەكىس ئېتىدۇ).

  • تۇر
    (تۇرەك، تۇرەم، تۇرۇم، تۇراق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 632 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    بۇ، «تۇرۇپ قالسۇن» ياكى «قاراۋۇلخانا، ئېگىز دۆڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە (قەدىمكى سۈرىيە تىلىدا) «تاغ» دېگەن مەنىگە ئىگە.

  • تۇردى
    (تۇردەش، تۇردەم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 551 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 20 ياقتۇرۇش

    پەرزەنتنىڭ تۇرۇپ قېلىشىنى، ئۇزاق ياشىشىنى تىلەپ قويۇلغان ئىسىم.

  • تۇرسۇن
    (تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 582 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.

  • تۇرغان
    (تۇرغانجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 540 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇرغۇن
    (تۇرغۇنجان، تۇغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 741 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 17 ياقتۇرۇش

    تۇرغۇن يۇلتۇزدەك مەڭگۈ چاقناپ تۇرسۇن، تۇرغۇن بولسۇن، تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇرۇپ
    (تۇرۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 530 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 17 ياقتۇرۇش

    (1) كۆكتات ئىسمى، (2) تۇرۇپ قالسۇن.

  • تۇغلۇق
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 653 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 24 ياقتۇرۇش

    بايراقدار، بايراق تۇتقۇچى، بايرىقى بار، بايراقلىق

  • تۇغلۇقتۆمۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 462 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تۇغلۇق: ئىسمى، تۆمۈر: سۈپىتى (بۇ، تارىختا ئۆتكەن مەشھۇر شەخىس ئىسمى)

  • تۇيغۇن
    (تايغۇن، تۇيغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1031 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    ھوشيار، زېرەك

  • تۈرك
    (تۈرۈك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 843 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    مىللەت نامى (بۇ يەردە «تۈرك مىللىتىدىن بولغان ئوغۇل» دېگەن مەنە ئىپادە قىلىنىدۇ)

  • تۈرگۈن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 512 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى «تۈركۈن» (قەبىلە) دېگەن سۆزنىڭ ئۆزگىرىشى

  • تۈمەن
    (تۈمەك، تۈمەنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 415 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئون مىڭنى بىرلىك قىلغان سان نامى، (2) كۆپ، نۇرغۇن، ساناقسىز، چەكسىز، (3) سۇ يار كەتمەسلىك ئۈچۈن ياكى سۇ يار كەتكەندە دەريا قىرغىقىغا مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى يار كەتكەن جايغا تاشلىنىدىغان شاخ-شۇمبىلىق، ئۇزۇن، گىگانت ئورۇندا ياكى مۇداپىئە توسۇقى.

  • تېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 866 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    شاھزادە؛ قۇل

  • تېپىۋالدى
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 370 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئىسىمدا ئاللا بىر ئوغۇل بەرگەنلىكى، ئۇنى «تېپىۋالدى» قىلىپ باققانلىقى، شۇنداق بولغاندا كۆز تەگمەيدىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ.

  • تەڭرىبەردى
    (تەڭرىۋەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 434 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ ئوغۇلنى ئاللا بەردى

  • تەڭرىقۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 523 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەڭرى بەختلىك قىلغان؛ تەڭرى بەرگەن بەخت

  • تەۋپىق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 597 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب

  • تەۋەككۈل
    (تەۋەككۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 563 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    ئۆزىنى ئاللاغا تاپشۇرماق