كىشى ئىسىملىرى

  • جاببار
    (جاپپار، جەپپە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 694 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 11 ياقتۇرۇش

    مەجبۇر قىلغۇچى؛ كۈچلۈك؛ قۇدرەتلىك، غايەت زور. ئەسلىيسى «جەببار».

  • جۇرئەت
    (جۈرەت، جۈرئەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 650 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    دادىل بولماق، جەسۇرلۇق قىلماق

  • جامال
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 581 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 16 ياقتۇرۇش

    چىراي، گۈزەللىك، ھۆسن. ئەسلىيسى «جەمال».

  • جۈمە
    (جۈمەك، جۇماق، جۇماش، جۇمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 522 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    يىغىلغان، توپلانغان كۈن (بۇ يەردە جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ياكى جۈمە كۈنى تۇغۇلغان پەرزەنتنى تەبرىكلەش مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ)

  • جەۋلان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 513 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    لەپىلدىمەك؛ سەيىر قىلماق

  • جەۋھەر
    (جۆھەر، جۈھەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 507 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «گۆھەر» نىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەردە «ماددا، نېگىز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • جەسۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 506 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    شىجائەتلىك، باتۇر، قەيسەر؛ دادىل، جۈرئەتلىك، جاسارەتلىك

  • جەلىل
    (جېلىل، جەللى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 480 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغ، شانلىق، پارلاق

  • جۇشقۇن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 475 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تېتىك، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق

  • جۇنەيددىن
    (جۇنەيتىن، جۇنەيدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 461 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ كىچىك جەڭچىسى

  • جارۇللا
    (جارىللا، جارۇل، جەرۇللا، جەرۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 457 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    (1) ئاللاغا يېقىن كىشى، (2) ئاللانىڭ ئەمرىنى جارى قىلغۇچى.

  • جانباي
    (جامباي) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 456 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جانلىق ئەر («جان» ئىنساننىڭ ھايات چېغىدىكى بارلىقى، ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى ۋە نىشانى بولۇپ، كىشى ئىسىملىرى ياكى ئىسىم قوشۇمچىسى بولۇپ كەلگەندە «جاندىن ئەزىز، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە يەنە «كىشى» دېگەن قوشۇمچە مەنىگىمۇ ئىگە. بۇ ئىسىم ئە

  • جالال
    (جىلال) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 448 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇلۇغۋار، پارلاق. ئەسلىيسى «جەلال».

  • جانباز
    (جامباز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 443 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    باتۇر؛ جاندىن كەچكەن، جان بىلەن ئويناشقۇچى؛ پىداكار.

  • جۇنەيد
    (جۇنەيت، جۇنايىت، جىنايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) قوشۇن، (2) كىچىك جەڭچى (ئەرەبچىدىكى «جۇندى» دېگەن سۆزنىڭ كىچىكلىتىلمە شەكلى)

  • جاھاندار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 417 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاھان تۇتقۇچى، جاھان سورىغۇچى؛ پادىشاھ

  • جالالىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 403 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئۇلۇغۋار كىشىسى. ئەسلىيسى «جەلالىدىن»

  • جاھانگىر
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 396 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاھاننى ئۆز ئىلكىدە تۇتقۇچى