كىشى ئىسىملىرى

  • جالال

    (جىلال) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغۋار، پارلاق. ئەسلىيسى «جەلال».

  • جالالىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ ئۇلۇغۋار كىشىسى. ئەسلىيسى «جەلالىدىن»

  • جانباز

    (جامباز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    باتۇر؛ جاندىن كەچكەن، جان بىلەن ئويناشقۇچى؛ پىداكار.

  • جانباي

    (جامباي) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جانلىق ئەر («جان» ئىنساننىڭ ھايات چېغىدىكى بارلىقى، ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى ۋە نىشانى بولۇپ، كىشى ئىسىملىرى ياكى ئىسىم قوشۇمچىسى بولۇپ كەلگەندە «جاندىن ئەزىز، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە يەنە «كىشى» دېگەن قوشۇمچە مەنىگىمۇ ئىگە. بۇ ئىسىم ئە

  • جاھاندار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 443كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جاھان تۇتقۇچى، جاھان سورىغۇچى؛ پادىشاھ

  • جاھانگىر

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جاھاننى ئۆز ئىلكىدە تۇتقۇچى

  • جەۋلان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 554كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    لەپىلدىمەك؛ سەيىر قىلماق

  • جەۋھەر

    (جۆھەر، جۈھەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 530كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    «گۆھەر» نىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەردە «ماددا، نېگىز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • جۇشقۇن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 499كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تېتىك، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق

  • جۇنەيد

    (جۇنەيت، جۇنايىت، جىنايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) قوشۇن، (2) كىچىك جەڭچى (ئەرەبچىدىكى «جۇندى» دېگەن سۆزنىڭ كىچىكلىتىلمە شەكلى)

  • جۇنەيددىن

    (جۇنەيتىن، جۇنەيدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 503كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ كىچىك جەڭچىسى

  • جارۇللا

    (جارىللا، جارۇل، جەرۇللا، جەرۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 477كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    (1) ئاللاغا يېقىن كىشى، (2) ئاللانىڭ ئەمرىنى جارى قىلغۇچى.

  • جاببار

    (جاپپار، جەپپە) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 742كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مەجبۇر قىلغۇچى؛ كۈچلۈك؛ قۇدرەتلىك، غايەت زور. ئەسلىيسى «جەببار».

  • جەسۇر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 528كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    شىجائەتلىك، باتۇر، قەيسەر؛ دادىل، جۈرئەتلىك، جاسارەتلىك

  • جەلىل

    (جېلىل، جەللى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئۇلۇغ، شانلىق، پارلاق

  • جۈمە

    (جۈمەك، جۇماق، جۇماش، جۇمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 545كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    يىغىلغان، توپلانغان كۈن (بۇ يەردە جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ياكى جۈمە كۈنى تۇغۇلغان پەرزەنتنى تەبرىكلەش مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ)

  • جۇرئەت

    (جۈرەت، جۈرئەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 670كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 15

    دادىل بولماق، جەسۇرلۇق قىلماق

  • جامال

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 612كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    چىراي، گۈزەللىك، ھۆسن. ئەسلىيسى «جەمال».