كىشى ئىسىملىرى

  • سابىت
    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 172 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سابىر
    (سابۇر، ساۋۇر، ساۋۇق، ساۋۇش، ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 163 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق. ئىزاھات: «سابىر» بىلەن «سابىق، سابىت» لارنىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ. مەسىلەن، «ساۋاق، ساۋۇق، ساۋۇش» دېگەندەك. ئەمما «سابىر» نىڭ يەنە ئۆزىگە خاس تۆۋەندىكىدەك ئۆزگىرىشلىرىمۇ بار: «ساۋىر، ساۋى، ساۋىخان، ساۋىقارى»

  • سابىق
    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 138 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ساتتار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 205 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»

  • سادات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 134 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غالىب، مەشھۇر، ئۈستۈن، داڭلىق، مۇھىم كىشى

  • سادىر
    (سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 169 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • سادىق
    (سادۇق) تىل تەۋەلىكى: تىل كۆرۈلۈشى: 158 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    راستچىل، ھەقىقىي، سەمىمىي (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سالام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 174 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سالاھىدىن
    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 202 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • سالىھ
    (سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 176 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي

  • سايرام
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 182 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  • سايران
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 190 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.

  • ساھابە
    (ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 201 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»

  • ساھىب
    (ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 181 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ساۋۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 212 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سىددىق
    (سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 176 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي

  • سىددىقۇللا
    (سىدىقۇللا، سىدىقۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ سادىق دوستى، ئاللانىڭ چىن، راست كىشىسى

  • سىرات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 355 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يول، چوڭ يول

  • سىراج
    (سىراش، سىراق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىراغ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سىراجىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 193 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ چىرىغى

  • سىنان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 183 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.

  • سىھھەت
    (سەھەت، سىخەت، سىھەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 140 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توغرا، ھەقىقىي، ساغلام، ساق، راست. «سەئەد» مۇ «سەھەت» كە ئۆزگىرىدۇ.

  • سۇبات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 239 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق

  • سۇبۇر
    (سۇۋۇر، سوپۇر، سوپۇرجان، سىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 133 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋر قىلماق. ئىزاھات: «سەبۇر» مۇ «سوپۇر» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • سۇرئەت
    (سۈرئەت، سۈرئەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 138 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تېزلىك، چاققانلىق

  • سۇلتان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 142 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سۇلەيمان
    (سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 122 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)

  • سۇپى
    (سوپى، سوپىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 136 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ساپ، (2) يۇڭ، يۇڭچى، (3) تەسەۋۋۇپچى، تەقۋادار، (4) دىنىي مەرتىۋە نامى. ئىزاھات: «سوپىخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • سۈرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».

  • سۈزۈك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 150 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    پاك، پارقىراق