كىشى ئىسىملىرى

  • سەييىد
    (سېيىت، سىيىت، سىتەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 182 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    خوجا، بەگ، ئەپەندى، ئۇستاز، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). «سەييىد، سەييىدى» دېگەندە ئومۇمەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بەزىدە ئوغۇل پەرزەنتلەرمۇ «خوجام» دەپ ئەتىۋارلىنىدۇ ۋە «سەييىدى» بىلەن ئوخشاش كېلىدۇ.

  • سۇرئەت
    (سۈرئەت، سۈرئەتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 138 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تېزلىك، چاققانلىق

  • سۇلەيمان
    (سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 122 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)

  • سۇلتان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 142 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سۈپۈرگە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 201 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىر خىل تازىلىق سايمىنى (كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قويۇلغان ئىسىم)

  • سېتىۋالدى
    (سېتى، سېتىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 170 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللادىن پەرزەنت سېتىۋالدى.

  • سىددىق
    (سىدىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 176 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سادىق؛ چىن، راست، ساداقەتمەن، سەمىمىي، ھەققانىي، ئادىل، ئىشەنچلىك، قەتئىي

  • سىددىقۇللا
    (سىدىقۇللا، سىدىقۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 132 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ سادىق دوستى، ئاللانىڭ چىن، راست كىشىسى

  • سىرات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 355 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يول، چوڭ يول

  • سىراج
    (سىراش، سىراق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىراغ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سىراجىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 193 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ چىرىغى

  • سىنان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 183 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) سىنالغان (2) نەيزە. ئىزاھات: بۇ ئىسىم تەلەپپۇز جەھەتتىن ئوخشىغان ھالدا ئەرەبچىدىمۇ بار. قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدا «سىنالغان» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ئەرەبچىدە «نەيزە» دېگەن سۆزدۇر.

  • سىھھەت
    (سەھەت، سىخەت، سىھەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 140 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توغرا، ھەقىقىي، ساغلام، ساق، راست. «سەئەد» مۇ «سەھەت» كە ئۆزگىرىدۇ.

  • سۇپى
    (سوپى، سوپىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 136 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ساپ، (2) يۇڭ، يۇڭچى، (3) تەسەۋۋۇپچى، تەقۋادار، (4) دىنىي مەرتىۋە نامى. ئىزاھات: «سوپىخان» يەنىلا ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ.

  • سۇبۇر
    (سۇۋۇر، سوپۇر، سوپۇرجان، سىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 133 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سەۋر قىلماق. ئىزاھات: «سەبۇر» مۇ «سوپۇر» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • سابىت
    (ساۋۇت، ساۋۇق، ساۋاق، ساۋۇش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 172 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • ساتتار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 205 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»

  • سەدىرىدىن
    (سەتىرىدىن، سەترىدىن، سەدىردىن، سەدى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 170 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ كاتتا كىشىسى. ئەسلىيسى «سەدىرىددىن».

  • سەزگۈر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 143 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    سېزىمچان، ھوشيار، زېرەك

  • سۈرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».

  • سۈزۈك
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 150 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    پاك، پارقىراق

  • ساۋۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 212 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سۇبات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 239 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق