كىشى ئىسىملىرى

  • سۈرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 436 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئوخشىماق، نۇسخا، شەكىل؛ سۈرەتتەك ئوغۇل. ئەسلىيسى «سۇرەت».

  • سالىھ
    (سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي

  • سادىر
    (سادىگۈل، سادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    ئىش پەيدا قىلغۇچى. ئىزاھات: «سادىگۈل» يەنىلا ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • ساھىب
    (ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سەپەر
    (سىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 447 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) سەپەر قىلماق، سەپەر قىلغۇچى؛ (2) سەپەر ئۈستىدە تۇغۇلغان؛ (3) سەپەر ئېيىدا تۇغۇلغان. ئىزاھات: «سەپەر» ئەسلىدىنلا سپەر ئېيىنىڭ نامىدىن كەلگەن بولۇپ، «سەپەر قىلماق» نى بىلدۈرمەيدۇ. لېكىن بەزىلەر بىلدۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

  • ساھابە
    (ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 453 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»

  • سالام
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 454 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    (1) تىنچ، بىخەتەر، جىمجىت، (2) سالام يوللىماق، ھۆرمەت بىلدۈرمەك، (3) تىنچلىق. ئەسلىيسى «سەلام».

  • سۈپۈرگە
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 456 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    بىر خىل تازىلىق سايمىنى (كۆز تەگمەسلىك ئۈچۈن قويۇلغان ئىسىم)

  • ساتتار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 461 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئەيىبلەرنى ياپقۇچى. ئەسلىيسى «سەتتار»

  • سايرام
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 461 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  • سەئدۇللا
    (سەيدۇللا، سەيدۇللام، سەئدۇل، سەيدۇل، سادۇللا، سادىللا، سادىل، سەدۇللا، سەدۇل، سەدىل، سەيدىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللا بەختلىك قىلغان كىشى، ئاللانىڭ بەختلىك كىشىسى

  • سۇلتان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 472 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 12 ياقتۇرۇش

    سەلتەنەت ئىگىسى، ھۆكۈمران، پادىشاھ، خان

  • سىراجىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 474 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 7 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ چىرىغى

  • ساۋۇت
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 474 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    (1) قەدىمكى زامانلاردا بەدەننى نەيزە، قىلىچ، ئوق زەربىسىدىن ساقلاش ئۈچۈن جەڭدە كىيىلگەن، تۆمۈر پارچىلىرىنى بىر-بىرىگە ئۇلاش ياكى پولات سىمدىن توقۇش ئارقىلىق تەييارلانغان ئۇرۇش كىيىمى، (2) مۇستەھكەم، مەھكەم، قەتئىي، ئىشەنچىلىك، تەۋرەنمەس

  • سەيپۇللا
    (سەيپۇل، سەيپۇك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 476 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ قىلىچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سەلكىن
    (سالقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 481 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سالقىن، يېقىشلىق، راھەتلىك، سۆرۈن شامال؛ سالقىنداش، راھەتلىنىش

  • سەئىد
    (سايىت، سەيىت، سېيىت، سىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 491 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    بەختلىك، بەخت، خۇشاللىق

  • سەردار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 497 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 13 ياقتۇرۇش

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • سەلىم
    (سېلىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 507 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    ساغلام، ساق-سالامەت

  • سالاھىدىن
    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 591 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 9 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • سۇبات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 672 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 15 ياقتۇرۇش

    (1) مۇستەھكەم، قەتئىي، مەھكەم، (2) خاتىرجەم، جىمجىت، تىنچ، تىنچلىق

  • سىرات
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 678 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يول، چوڭ يول

  • سەرۋەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 948 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) بايلىق (تەبئىي بايلىق)، (2) بىر تۈپ سەرۋى دەرىخى