كىشى ئىسىملىرى
-
نۇجۇب
(نۇجۇبى، نۇجۈپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 364
، ياقتۇرغانلار: 0
مۇنەۋۋەر، مەشھۇر
-
نۇر
(نۇرجان، نۇرەك، نۇراق، نۇرەش، نۇرەشخان، نۇرۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 896
، ياقتۇرغانلار: 16
نۇردەك گۈزەل ئوغۇل، كۆزۈمنىڭ نۇرى (بۇ يەردە پەرزەنت نۇرغا ئوخشىتىلغان بولۇپ كۆپىنچە «نۇر» نى «ئوغۇل» ياكى مۇنسىپ جايدا «قىز» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ). ئىزاھات: ئۇيغۇرلار «نۇر» نى ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ بەلگىسى قىلىپ، ياكى پەرزەنتلىرىنى نۇرغا ئوخشىتىپ، «كۆزۈمنىڭ نۇر، نۇردەك گۈزەل
-
نۇرئەلى
(نۇرئېلى، نۇرئىلى، نۇرەلى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 493
، ياقتۇرغانلار: 13
نۇر: ئىسمى، ئەلى: سۈپىتى؛ ئەلىدەك باتۇر ئوغۇل.
-
نۇرئەھمەد
(نۇرەخمەت، نۇرەمەت، نۇرەھمەت، نۇرامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 402
، ياقتۇرغانلار: 12
ئەھمەدنىڭ نۇرى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدن بىرى)
-
نۇرتاي
تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 458
، ياقتۇرغانلار: 9
تايچاقتەك شوخ ئوغۇل
-
نۇرتېكىن
تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 1157
، ياقتۇرغانلار: 0
نۇرلۇق شاھزادە
-
نۇرجان
تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 457
، ياقتۇرغانلار: 0
كۆز نۇرى، جانجىگەر
-
نۇررەھمان
(نۇرراخمان، نۇررەخمان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 352
، ياقتۇرغانلار: 0
رەھىم-شەپقەتلىك ئاللانىڭ نۇرى
-
نۇرزاد
(نۇرزات) تىل تەۋەلىكى: ئە پ
كۆرۈلۈشى: 435
، ياقتۇرغانلار: 12
نۇر ئوغلى، نۇردىن تۆرەلگەن. ئىزاھات: «نۇرزاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.
-
نۇرسۇلتان
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 530
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەممىنىڭ سۇلتانى بولغان ئاللانىڭ نۇرى
-
نۇرشاد
(نۇرشات، نۇرشاتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 446
، ياقتۇرغانلار: 0
شاد-خۇرام ئوغۇل
-
نۇرشەرىپ
(نۇرشېرىپ، نۇرشىرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇلۇغلارنىڭ نۇرى
-
نۇرقۇت
تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 408
، ياقتۇرغانلار: 0
بەخت نۇرى
-
نۇرلان
تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 460
، ياقتۇرغانلار: 0
نۇرغا تول، چىرايلىق يىگىت بول
-
نۇرمۇھەممەد
(نۇرمەت، نۇرمەمەت، نۇرمەممەت، نۇرمەھەممەت، نۇرىممەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 366
، ياقتۇرغانلار: 12
مۇھەممەدنىڭ نۇرى
-
نۇرى
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 496
، ياقتۇرغانلار: 7
نۇرلۇق، شانلىق، پارلاق
-
نۇرىدىن
(نۇردۇن، نۇردۇم، نۇردىن، نۇرۇدۇن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 473
، ياقتۇرغانلار: 7
دىننىڭ نۇرى
-
نۇرۇللا
(نۇرۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 455
، ياقتۇرغانلار: 7
ئاللانىڭ نۇرى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل
-
نۇرۇم
(نۇرام) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ
كۆرۈلۈشى: 337
، ياقتۇرغانلار: 7
كۆزۈمنىڭ نۇرى ئوغلۇم. ئىزاھات: «نۇرھامىدىن» بىلەن «نۇرۇم» ئوخشاشلا «نۇرام» غا ئۆزگىرىدۇ.
-
نۇشىرۋان
(نۇشۇربان) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 391
، ياقتۇرغانلار: 0
قەدىمكى ئىراننىڭ ئادالەتپەرۋەر شاھلىرىدىن بىرى
-
نۇھ
(نوھ) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 412
، ياقتۇرغانلار: 0
نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: قايغۇ، يىغا، ئازاب
-
نەئمەت
(نامەت، نەمەت، نەمەك، نەغمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 363
، ياقتۇرغانلار: 7
خۇشال، خاتىرجەم؛ خۇشدىل
-
نەئىم
(نەيىم، نەيىمجان، نەغەم، نەغىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 363
، ياقتۇرغانلار: 0
خۇشال، خاتىرجەم، بەختلىك، خاتىرجەملىك، خۇشاللىق
-
نەبرە
(نەۋرە) تىل تەۋەلىكى: ئۇ
كۆرۈلۈشى: 421
، ياقتۇرغانلار: 0
بۇ كىشىلەر نەۋرە كۆرگەنلىكىنى قۇتلۇقلاپقويغان ئىسىم بولۇپ، «نەۋرە» ئەرەبچىدە «گۈل» مەنىسىنى بېرىدۇ، شۇنىڭدەك ئۇ ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ. ئىزاھات: «نەبرە» نىڭ تىل تەۋەلىكىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بەزىلەر ئۇنى پارسچە بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.
-
نەبى
(نەبىجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 407
، ياقتۇرغانلار: 9
ئالدىن بىلگۈچى، خەۋەرچى، خەۋەر يەتكۈزگۈچى، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
نەبىيۇللا
(نەبىۋۇللا، نىبۇۋۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 382
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللانىڭ خەۋەرچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمەت نامى)
-
نەجات
(نىجات) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 452
، ياقتۇرغانلار: 13
يورۇقلۇق، ئازادلىق، تىنچ-ئامانلىق؛ قۇتۇلماق، بىخەتەرلىك
-
نەجمى
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 386
، ياقتۇرغانلار: 0
يۇلتۇز كەبى
-
نەجمىدىن
(نەژمىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 415
، ياقتۇرغانلار: 9
دىننىڭ يۇلتۇزى. ئەسلىيسى «نەجمىددىن»
-
نەجىب
(نەجىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 418
، ياقتۇرغانلار: 0
ئۇلۇغ، پاك، ئېسىل، ئالىيجاناب؛ مەشھۇر، داڭلىق، مۇنەۋۋەر؛ ئەقىللىق، زىرەك، ئىقتىدارلىق